ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 09:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ ئىشلاردا، ئىختىساسلىقلار ئاساس. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئومۇملۇقىدا ھالقىلىق ئورۇنغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

جاھاندىكى ئىختىساسلىقلار جۇغلاندى ھەم ئىشلىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئادەمدە، ئىختىساسلىقلاردا. بۇ يىل 5-ئايدا ئېچىلغان ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10-قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنياۋى ئىختىساسلىقلار بازىسى قۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى دۇنيادىكى رىقابەت تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى، مائارىپ رىقابىتىدىن ئىبارەت. ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم ئىلغار پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى مۇقىم قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، ماھىر ھۈنەرۋەنلەر، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

تۈزۈلمە-مېخانىزم توساقلىرى تىرىشىپ تۈگىتىلىپ، ھوقۇق ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكىتلىرىغا چۈشۈرۈلۈپ، ئىختىساسلىقلارغا ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا يېڭىلىق ياراتتى. بېيجىڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ چياڭ مۇنداق دېدى: يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى كېڭەش رەھبەرلىكىدىكى باشلىق ياكى مۇدىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش، مالىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلىمەكتە.

ئىختىساسلىقلار-بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش-بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئەنخۇي ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، ھازىرغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئۆلكە دەرىجىلىك 220 يۇقىرى قاتلام پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپىنى يۆلەش تۈرىنى تۇرغۇزۇپ، ئاكادېمىك قاتارلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇقنى جەلپ قىلدى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى لو پىڭ مۇنداق دېدى: بىز بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ بىر تۈركۈم يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈردۇق ھەم ئىلغار ئىختىساسلىقلارنى جۇغلىدۇق شۇنداقلا يەنە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق. ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلار تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرى جارى قىلدۇرۇلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى كەسىپ 3-ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ يەن مۇنداق دېدى: بىز پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنى كۆپلىگەن يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپ باغچىلىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇق.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى ماھارەتلىك ئەمگەكچى 200 مىليوندىن، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىق خادىم 50 مىليوندىن ئاشتى. 14-بەش يىللىق پىلاندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، قوللىنىشچان، ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى. مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى تاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئىچكى ئېھتىياج ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا

ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ ئىشلاردا، ئىختىساسلىقلار ئاساس.