ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگودىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 15:17

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8-سېنتەبىر «جۇڭگودىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم. 100يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىدى، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، «ھاللىق ئائىلە»دىن «ھاللىق جەمئىيەت»كىچە، «ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق جەمئىيەت»تىن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت»كىچە، «ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش»تىن «ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش»قىچە، ھاللىق جەمئىيەت نىشانى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئېشىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يىتىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تونۇشتۇرۇلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك بولۇشتۇر. جۇڭگودىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ماس تەرەققىي قىلىدىغان ھاللىق جەمئىيەت؛ خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ خىل، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدىغان، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدىغان ھاللىق جەمئىيەت؛ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرىدىغان، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان، كۆپ ئۆلچەملىك، كۆپ تەرەپلىك ھاللىق جەمئىيەت.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگودىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت خەلق تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھاللىق جەمئىيەت. بىرمۇ ئادەم، بىرمۇ رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماي، بىرمۇ مىللەتنى ئارقىدا قالدۇرماي، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن پۈتۈن خەلقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى، تەڭ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى گەۋدىلەندۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگودىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ ياراتقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان مەزگىلدە نامرات، ئاجىز، ۋەيرانە ھالەتتە ئىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى ماكان يارىتىپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھاللىق جەمئىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتىنى باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى باشتىن-ئاخىر ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئاممىۋى مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولدى. جۇڭگو ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگودىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8-سېنتەبىر «جۇڭگودىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.