ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-11 15:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش يىغىنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى خېنەننىڭ جېڭجۇدا ئېچىلدى. ھازىر يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قاتناش-تىرانسپورت، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنى ئازايتىش، شەھەر تۈزەش قاتارلىق ساھەلەرگە ھەمدە ئېلېكتىر، پۇل-مۇئامىلە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق دۆلەتنىڭ يادرولۇق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.

«جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش ۋە ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى كەسپى تەرەققىياتىنىڭ 2021-يىللىق ئاق تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش يادرو قىلغان جۇڭگونىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش ۋە ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 403 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى كەسىپلەشتۈرۈش يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىم، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما بولۇپ قالدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لى دېرېن مۇنداق دېدى: يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى كەسپى ئاسماندىكى سۈنئىي ھەمراھ، يەر ئۈستىدىكى كۈچەيتىش سىستېمىسى، يەنە ئاسماندىكى كۈچەيتىش سىستېمىسى بىز كەلگۈسىدە تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان تۆۋەن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھنى يەر يۈزىدىكى كۈچەيتىش ئورنىغا دەسسىتىدىغان تۆۋەن ئوربىتىلىق كۈچەيتىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مانا بۇ «14-بەش يىل»دىكى يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغان يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. ھازىر يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قاتناش- تىرانسپورت، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنى ئازايتىش، شەھەر تۈزەش قاتارلىق ساھە، شۇنداقلا ئېلېكتىر، پۇل مۇئامىلە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق دۆلەتنىڭ يادرولۇق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانائەت تېخنىكىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇشى ئەنئەنىۋى كەسىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگو يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش يىغىنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى خېنەننىڭ جېڭجۇدا ئېچىلدى