ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:12

شى جىنپىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە سۆز قىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا ۋىدېيولۇق قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يەر شارىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارى ماكانىنى قوغداپ، ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كۈنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا كەلگۈسىدە يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن نىشان بېكىتىلىپ، يولنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوي-پىكىر ۋە كۈچنى بىر جايغا سەرپ قىلىپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىشى كېرەك. بىز تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يەر شارى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق.
ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشتا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن مۇھىت ماسلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يەر شارى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى تەرەققىياتىغا كۆلەڭگە پەيدا قىلدى.

ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپە ئالدىدا، بىز ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ياخشى ئېكولوگىيە ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز خىرىسقا، ئۈمىدكە تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. ئورتاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن، بىز قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. سانائەت مەدەنىيلىكى ئېلىپ كەلگەن زىددىيەتلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەك ئىچىدە چەكلەپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق، قۇملۇقنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەش كېرەك.

ئىككىنچى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلاردىن غايەت زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىش؛ يېشىل خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەركەز قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مۇھىت ئاسراش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

تۆتىنچى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تۈزەش سىستېمىسىنى قوغداش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا قائىدىگە ئۈنۈملۈك رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭى مۇھىت ئاسراش نىشانىنى تەسىس قىلىشتا يۈكسەك ئىرادە ۋە ئەمەلىي تەڭپۇڭلۇققا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ئالدى بىلەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، كۈنمىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى فوندى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ فوندقا مەبلەغ چىقىرىشىنى قارشى ئالىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت باغچىسىنى سۇبيېكت قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئەڭ مۇھىم، تەبىئىي مەنزىرىسى ئەڭ ئۆزگىچە، تەبىئىي مىراسلار ئەڭ سەرخىل، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول رايونلارنى تەدرىجىي ھالدا دۆلەت باغچىسى سىستېمىسىغا كىرگۈزدى. جۇڭگو كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربون نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپلەردە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە بىر قاتار تايانچ كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربون نېيتراللاشتۇرۇشنىڭ+N» 1» سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

جۇڭگو كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىلمە ئېنېرگىيەنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، قۇملۇق، چۆللۈك ۋە قاقاس رايونلاردا چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازا تۈرى قۇرۇشنى تېز پىلانلاپ قۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئەتكە قىلساڭ مېھنەت، تەبىئەتمۇ قىلار ھىممەت. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشى. قول تۇتۇشۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى!

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كۇنمىڭدا تور ئىچى ۋە سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئېچىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، كوستارىكا زۇڭتۇڭى ئالۋارادو، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروۋ، پاپۇا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ماراپې، ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز قاتارلىقلار يىغىنغا ۋىدېيولۇق قاتناشتى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى