ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرى داۋاملىق كۆزىتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 16:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ، كۆزىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق كۆزىتىشىدىكى 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى تاماملىدى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىككى ئاي ئەتراپىدا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى بولۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 25 پۇل مۇئامىلە ئورنىنى مەركەزلىك دائىمىي كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ پارتىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

مەركەز 14-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گاۋ فېي ئورۇنلىشىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش خىزمىتى ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىدۇ.

مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆزىتىش سىياسىي نازارەتچىلىك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا. كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي بىلەن كەسىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە مەسىلىلەرنى بايقاپ، سەۋەنلىكنى تېپىپ چىقىش؛ ئورتاقلىقنى ئىگىلەپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئوخشاش بولمىغان بۆلەك، ئوخشاش بولمىغان ئورۇن، ئوخشاش بولمىغان قاتلام ـ دەرىجە ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە بولغان نازارەتچىلىكنى، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تۇتۇش باش رىتىمىنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا قارىتا، كۆزىتىلىدىغان ئورۇن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى كۆزىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرى داۋاملىق كۆزىتىلىدۇ

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ، كۆزىتىش