ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-21 09:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 20-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا كۈزلۈك يىغىم ۋە كۈز ۋە قىشلىق تېرىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى. ئاشلىق باھاسى ھەممىنىڭ ئاساسى، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىدە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېقىنقى مەزگىلدە شىمالدا ئۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ كۈزلۈك يىغىم ۋە تېرىلغۇغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكان قەدەر يىغىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كۈزلۈك ۋە قىشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كېلەر يىلى يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، كۈزلۈك ئاشلىقنى يىغىۋېلىش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەپ، قۇرۇتۇش، ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، كۈزلۈك ۋە قىشلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. سۇ يىغىلىپ قالغان ئېتىزلاردىكى سۇنى تىزدىن چىقىرىپ، ئۇرۇق سېلىش ۋاقتى كېچىككەن يەرلەرگە بالدۇر پىشىدىغان سورتنى تاللاپ، تېرىلغۇ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي ئوغۇتنى كۆپەيتىپ، كېچىكىپ تېرىشنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەمىناتى ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئۇرۇقلۇق تەمىناتى ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى كارخانىلىرىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۇ چىقىرىش، ئاشلىق قۇرۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى توك، دىزېلىن تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ھازىرقى مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يەرلىكنىڭ كۈزلۈك يىغىم كۈزلۈك ۋە قىشلىق تېرىم ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. مەركەز مالىيەسى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى يەنە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مالىيە تارماقلىرى كېلەر يىللىق ئالاقىدار يۆتكىمە چىقىم ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ كېچىكتۈرۈپ تېرىش ۋە قاقلاپ قۇرۇتۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلق ئاممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېنىق تەلىپى. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ يىل قىشتا شىمالدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى، شىمالدىكى رايونلار بولۇپمۇ شەرقىي شىمالنىڭ ئىسىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، كۆمۈر بازىرىدىكى ھايانكەشلىككە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، شىمالدىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئىسسىنىشتا تەبىئىي گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانىلارنى تەبىئىي گاز تەمىناتىنى كۆپەيتىشكە تەشكىللەپ، تەبىئىي گاز بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بېسىق مەزگىلدە تەڭشەپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆمۈر ئىشلىتىشكە باب كەلسە كۆمۈر ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىشكە باب كەلسە توك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىسسىنىشىغا ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىتىگە قاراپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈندىلىك تەڭشەش، ھەپتىلىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خەلق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز ۋە ئىسسىنىش باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «زۆرۈر بولمىغانلىرىنى قىسقارتىپ خەلق ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش» لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈش، شەھەرلەرنىڭ كېچە مەنزىرىسىنىڭ يورۇتۇلۇشىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، ئېنېرگىيەنى تېجەپ ئىشلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا كاپالەتلىك قىلغانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىق، بۇ تەمىناتنى ئاشۇرۇپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى قاراتمىلىق زورايتىش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باسقۇچلۇق باج كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، جايلارنى ئۆي ئىجارىسى، سۇ، توك ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 20-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا كۈزلۈك يىغىم ۋە كۈز ۋە قىشلىق تېرىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛