ئېلىمىزدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يۈز خىلدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ئەسلىگە كېلىپ كۆپەيدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، تەبىئىي بايلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ۋە يايلاق ئىدارىسى دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇەن جىئوۋ مۇنداق دېدى: ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خىزمىتىگە كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، جەمئىيەتتىكى ئاممىمۇ ئۆز نۇقتىسىدىن پائال قاتنىشىدۇ.
مەن ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى بەش جەھەتتىن تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: بىرىنچى، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ياشايدىغان جايلارنىڭ كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئېكولوگىيە ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئىككىنچى، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزام سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى. ئۈچىنچى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى.
تۆتىنچى، بىز ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر قانۇنسىز سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدۇق. بەشىنچى، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشتىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى سۆزلىدۇق.