ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتتىن ئورتاق بېيىشقا قەدەم تاشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-09 16:56

 

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتتىن ئورتاق بېيىشقا قاراپ قەدەم تاشلاندى 

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي ھەل قىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە  ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ ئوبلاستى گۇڭشەن ناھىيەسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇلۇڭلار  ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۇلۇڭلار پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «بىر قەدەم بىلەن 1000 يىل ھالقىشى»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى. ھازىر، بۇ جاي ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئېكولوگىيە ساياھىتىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا. دۇلۇڭ ياش دۇڭ زۇڭيەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دۇلۇڭلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، ھازىر ھەممە ئائىلىدە سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزور بار، ھەممىسىنىڭ ئەمىن ئۆيى بار. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل كۈنلەرگە قاراپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

ۋۇمېڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان گۈيجۇ ئۆلكىسى چيەنشى شەھىرى خۇاۋۇ كەنتى مياۋزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت. نامراتلارنى دەل  يۆلەش ۋە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، خۇاۋۇ كەنتى 2017-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى ھەم يېزا-كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇردى. خۇاۋۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ يۈجى مۇنداق دېدى: ھازىر بىز خۇاۋۇ كەنتىدە ئىقتىسادىي ئورمان، مېۋىلىك باغ، ئېكولوگىيەلىك قارا توخۇ باقمىچىلىقى، گۈل-گىياھ مايسىسى يېتىشتۈرۈش، مياۋزۇ كەشتىچىلىكى ھەم يېزا-كەنت ساياھەت كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق، بۇلتۇر كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى.

بۇ يىل 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىممىتى دەل جايىدا بولۇشتا، مۇھىملىقى دەل جايىدا بولۇشتا دەپ تەكىتلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز دەل بولغان ئىلمىي ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، دەل بولغان خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرساقلا، چوقۇم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلمىي يول ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز!

2020-يىلى، ئېلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلدى، ھازىرقى ئۆلچەمدىكى 98 مىليون 990 مىڭ يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامرات كەنت قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، بىز ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ نىشانغا قاراپ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا جاسارەت بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، دۆلەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى قۇرۇلدى. دۆلەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن  باشلىقى خۇڭ تيەنيۈن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم، سىجىل ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز.

جېجياڭ ئۆلكىسى تاغلىق رايوندىكى 26 ناھىيەنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق بېيىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشتىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك تۇتقا قىلىپ، ئۆزگىچە كەسىپ سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك سودا نازارىتى تەرەققىيات رايونى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېي بىز كەسىپ زەنجىرىنىڭ «زەنجىر باشلىقى تۈزۈمى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق سودىگەر چاقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق دېدى. 

تۈر تەڭ بەرپا قىلىندى. رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، تاغلىق جايلاردىكى تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار بولۇش ئەھۋالى ئۆزگەرتىلدى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتتىن ئورتاق بېيىشقا قەدەم تاشلاندى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتتىن ئورتاق بېيىشقا قاراپ قەدەم تاشلاندى