ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

6-ئومۇمىي يىغىن د‍ېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سود‍ا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-16 09:49

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. كۆپچىلىك يولداش شى جىنپىڭ ياد‍رولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا د‍اۋاملىق زىچ ئ‍‍ۇيۇشۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىك سەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى د‍ەۋرگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈرد‍ى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى م‍‍ۇھىم تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن، يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئ‍‍ومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتى يەنىمۇ شەرھلەندى، بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ لياڭسۈي مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «قارار»دا «ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىز، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىز» چوڭقۇر يېشىپ بېرىلدى، بۇ ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك شانلىق ھۆججەت. بىز ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا تەشۋىق قىلىپ، كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ داۋخۇڭ مۇنداق دېدى: «ئوندا چىڭ تۇرۇش»تا مۇھىمى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئالايلۇق، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇ دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، شۇڭا مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبە، چوقۇم قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەرباب سۈن چىشىن مۇنداق دېدى: كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى ۋە ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا، تەقدىرىگە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ كۈچى بولىدۇ، ئىلمىي نەزەرىيەگە ئىگە پارتىيەلا ھەقىقەتنىڭ كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، «ئىككىنى بېكىتىش» پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سەي لىڭ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاراردا بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەشتىكى 10 تارىخىي تەجرىبىسىنىڭ بىرى قىلىنغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى نامايەن قىلىندى. جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ماۋ مېڭشى مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەمۇ رولىنى چوقۇم پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

جۇڭگو ئىشچى-دېھقانىلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گوڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىشچى-دېھقانىلار پارتىيەسىمۇ چوقۇم يېڭى سىناق يولىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى يولدىشى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىي باشتىن كەچۈرگۈچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە مۇھاپىزەتچىسى بولىدۇ.

ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۈ سەيشيا مۇنداق دېدى: «ئوندا چىڭ تۇرۇش» ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبە، بىز چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشىمىز ھەمدە يېڭى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

«3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ فۇلىن مۇنداق دېدى: «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى ساھە ئالاھىدىلىكى ۋە پارتىيە-گۇرۇھ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە، ئىلىمىي ئېسىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل كۆرسىتىش ۋە مەسلىھەت بېرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەخسۇس دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە كېڭىشىشى ۋە سىياسىي كېڭىشىشكە ئەستايىدىل قاتنىشىدۇ.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جۇشقۇن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز. تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ گوخۇا مۇنداق دېدى: تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە تەيۋەن ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭ ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ لىنخۇي مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىن ۋە «قارار» پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ئەربابلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشىنى تۈپ تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ئەربابلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلىشىنى تۈپ كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

6-ئومۇمىي يىغىن د‍ېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سود‍ا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى.