ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-23 18:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك 4 ـ، 5ـ ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 13ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بۇ يىل 10ـ ئايدا ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قانۇننى تۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى چىڭ ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

بىرىنچى، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش روشەن يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، سوتسىيالىزم، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ساپا مائارىپىنىڭ تۈپ ئىدىيەسى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئائىلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىغان ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە تەربىيەسى، بولۇپمۇ ئۆيىدە قالغان بالىلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

تۆتىنچى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش، بولۇپمۇ ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ماسلىشىشىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان، تولۇق زەنجىرلىك خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بەشىنچى، قانۇن تەشۋىق-تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنى بۇ قانۇننى چۈشىنىش، ھىمايە قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆزلىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش