ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-23 18:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شاڭخەيدە قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

ىغىندا،جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى گۇڭ جېڭ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى خەن جۈن، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۇڭلىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۈي، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى بىڭجۈن سۆز قىلدى، لى كېچياڭ يەنە جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، خۇنەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن ۋىدېيولۇق پىكىر ئالماشتۇردى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، كۆپ خىل خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى. ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»، بولۇپمۇ «ئالدىنقى ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»نى كۈچەيتىپ، دەۋرىيلىك ھالقىغان تەڭشەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ بازار سۇبيېكتى 150 مىليوندىن ئاشتى. دۆلەت بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، بىرىكمە شەكىللىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويدى ھەمدە كۆلەم شەكىللەندۈردى، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

جايلار ۋە تارماقلار بازار سۇبيېكتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، ئىقتىسادىي سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، شەكىلۋازلىق، قاراملىق قىلىش ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

ومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
















中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شاڭخەيدە قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ