ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-24 14:41

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

23-نويابىر چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ياڭ باۋجيەن، ۋاڭ گۇاڭچيەن، ۋۇ شياۋچىڭ، جاڭ يۈدۇڭ، جياۋ خۇڭ، جياڭ زوجۈن، لەي مىڭ، جېڭ جيەنمىن، يې چىڭ، يې شياۋگاڭ، ۋۇ چاڭدې، يۈ گوچۈن قاتارلىق 12 دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار ساھەلەرگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېيىشتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز ۋە قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، «قارار»دا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. «قارار»دا «يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى بېكىتىش»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى يەنىمۇ شەرھلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «قارار»دا «ئوندا چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ 100 يىل كۈرەش قىلىش تارىخىي تەجرىبىلىرى چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ، ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەمدە يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت، دەپ كۆرسىتىلدى.

كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپ قۇرۇش-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپنىڭ تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە، بىردەكلىك ۋە كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سۆز قىلدى

23-نويابىر چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.