ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-25 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ ئىشلىتىشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى چىڭىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئىشلىتىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش بېكىتىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يەرلىكنىڭ قەرز باشقۇرۇشىدا پائال ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يوشۇرۇن قەرز ئازايتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي پىشاڭلىق نىسبىتى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن سومما بويىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس قەرزىنى مۇۋاپىق تارقىتىپ ۋە ئىشلىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا، دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز باشقۇرۇشىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، خىيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش بىلەن بىللە، مەخسۇس قەرز مەبلىغىنىڭ ئىجتىمائىي مەبلەغكە تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش-داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئامما گەۋدىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئىسلاھات تەدبىرى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە كېسەلخانا ۋە ئامبولاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاستە راسچوت قىلغانلار 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچىدىن، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا كېسەلخانا ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ راسچوت قىلىش نىسبىتىنى %70 تىن ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، كېلەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر بىر ناھىيەدە ئاز دېگەندە بىردىن تورلاشقان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئامبۇلاتورىيەدە خىمىيەلىك داۋالاش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنى دىئالىز قىلىش، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى يەكلەشكە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش خىل سوزۇلما ئالاھىدە كېسەللىك ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىنىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېلەر يىلى بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان بارلىق رايونلارنى قاپلاش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مەملىكەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆلكە ئاتلاپ راسچوت قىلىش قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تور ۋە تور سىرتىدا ئۆلكە ئاتلاپ ئاتچوت قىلىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. بەشىنچىدىن، دائىملاشقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدامچىلىق، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىدىن ئىبارەت خەلق ئاممىسىنىڭ جان قۇتقۇزۇش پۇلىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ ئىشلىتىشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى چىڭىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛