«14-بەش يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانى» يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرىلىقى 8-دېكابىر مۇنداق دېدى: «14-بەش يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانى» يېقىندا ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ. «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلىغىچە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. 2035-يىلىغىچە، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.