ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-03 10:51

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئەنخۇيدا مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.
لى جەنشۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇاڭشەن شەھىرى، شۈەنچېڭ شەھىرى، خېفېي شەھىرىدىكى يېزا-كەنت، كارخانا، مەكتەپ ۋە ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كادىرلار، ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى، بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى-خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆز ئىگە بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ ئىككىنچىدىن، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى نەزەرىيە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش لازىم؛ ئۈچىنچىدىن، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش لازىم.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشى-پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىل گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

لى جەنشۇ شۈەنچېڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، كېدا شۈنفېي پاي چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەسپىي مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ھەققىدىكى سىياسەت-تەدبىرلىرى ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى قانۇنىي تەرتىپ ئارقىلىق قانۇن-نىزامغا ئايلاندۇرۇپ، كەسپىي مائارىپتىكى قىزىق نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

لى جەنشۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، جىڭشيەن ناھىيەسىدىكى يېڭى 4-ئارمىيە ئىشتابىنىڭ كونا ئورنىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇينىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، كۆپ قېتىم ئەنخۇيغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئەنخۇينىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ، پىلان تۈزۈپ بەردى. ئەنخۇي ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، قوش ئايلىنىش ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۈزەل ئەنخۇي قۇرۇشنى تېزلىتىشتە يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي