ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سېھرىي كۈچكە تولغان مانگرو ئورمىنى يېشىل گۆھەر ماكانى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-10 17:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېشىل تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. گۇاڭشى «تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ئېكولوگىيەسى گۈزەل» دېگەن بۇ ئالتۇن ۋىۋىسكىنى داۋاملىق چاقنىتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، پۇقرالار يېشىل كەسىپلەرگە تايىنىپ تېخىمۇ بېيىدى.
گۇاڭشىنىڭ بېيخەيدىكى جىنخەيۋەن مانگرو ئورمىنى ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىغا كىرسىڭىز، نەچچە چاقىرىم سوزۇلغان مانگرو ئورمىنى خۇددى بىر پارچە تەبىئىي ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ. ئەمما ئالدىنقى يىللاردا بۇ يەردە دېڭىزنى قورشاپ باقمىچىلىق قىلىنغاچقا، ئېكولوگىيە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىنخەيۋەن مانگرو ئورمىنى ئېكولوگىيە ساياھەت رايونى ساھىلدا تولۇقلاپ تېرىش، ئېكولوگىيە مەنزىرە ئورمان بەلبېغى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇقىملاشتۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى، دېڭىز-ئوكياندىكى سۇ ئاستى جانلىقلىرى ئەسلىدىكى 66 خىلدىن 206 خىلغا كۆپەيدى، قۇشلارمۇ 2017-يىلىدىكى 136 خىلدىن 195 خىلغا كۆپەيدى. بېيخەي ساياھەت گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ شياۋ مۇنداق دېدى: ھازىر مەنزىرە رايونىمىزدا مانگرو ئورمىنى ئاستا-ئاستا ئۆسۈشكە باشلىدى. مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى قوغداش رولىغا يەتكىلى بولىدۇ.

ھازىر گۇاڭشىنىڭ بېيخەي شەھىرىدىكى مانگرو ئورمانلىقىنىڭ كۆلىمى 2011-يىلىدىكى 45 مىڭ مودىن 2021-يىلى 63 مىڭ موغا كۆپەيدى، ھەر يىلى قوشۇق تۇمشۇق لايخورەك، قارا تۇمشۇق چايكا قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بېيخەيگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان تيەن خۇي: بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى، يۈگۈرسە بەك راھەت، دېدى.

ئېكولوگىيە ياخشىلانسا، كەسىپمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. گۇاڭشىنىڭ بېيخەيدىكى ۋېيجۇ ئارىلىغا جايلاشقان نەنجۇ باقمىچىلىق بازىسى يېقىندا مەرۋايىت يىغىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، يېتىشتۈرۈلگەن يېڭى سورتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 350 كىلوگىرامغا يېتىدىكەن. ۋېيجۇ نەنجۇ باقمىچىلىق بازىسىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ شىۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ مەرۋايىتلار ئىنتايىن پارقىراق، مەرۋايىت قاتلىمى ناھايىتى قېلىن، بۇنداق ياخشى مەرۋايىتنىڭ بارلىقىنى راستىنلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

2017-يىلىدىن باشلاپ، بېيخەي شەھىرى «نەنجۇ كەسپىنى گۈللەندۈرۈش» قارارىنى چىقاردى. نەنجۇ ئۆلچەملەشكەن ئېكولوگىيىلىك باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلدى، نەنجۇ باقمىچىلىق كۆلىمى 10 مىڭ مودىن، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1000 كىلوگرامدىن ئاشتى، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان بېيخەينىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى گۇاڭشى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە گۇاڭشى دېڭىز بويىدا مانگرو ئورمىنى ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىدىكى مانگروزارلىقدا، دېڭىز قۇشلىرى پەرۋاز قىلىپ، بۇ جاينىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ فېيبو مۇنداق دېدى: بىز تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، دېڭىز، نەملىك ئېكولوگىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپكۆك دېڭىز قولتۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى ۋە دېڭىز قىرغىقى بەلبېغىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «گۈزەل دېڭىز قولتۇقى» بەرپا قىلىمىز كېرەك. بىز ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيمىز.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سېھرىي كۈچكە تولغان مانگرو ئورمىنى يېشىل گۆھەر ماكانى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى داۋاملىق ياخشىلاپ،