ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ ساموئا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پاپالى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-20 10:26

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا ساموئا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پاپالى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ساموئا جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە ئاۋۋالقىدەكلا چىڭ تۇرۇپ، ساموئا بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ،بىر يول» رامكىسىدا ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ساموئانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ساموئا پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.

پاپالى مۇنداق دېدى: سامۇئا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشنى خالايمىز. سامۇئا پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

لى بىن، سۇ خۇي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ ياڭ ساموئا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پاپالى بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا ساموئا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پاپالى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى.