ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەينەن دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-21 10:37

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-، 2018- ۋە 2022-يىلى خەينەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، خەلقئارا ساياھەت ئارىلى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىن پۈتۈن خەينەن ئارىلىدا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى قوللاشقىچە، يەنە دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىشكىچە-باش شۇجى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر يۈرۈش يوليورۇق بەردى ۋە تەستىق سالدى.

خەينەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلەتتى.

خەينەن-ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون. 2013-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە، خەلقئارا ساياھەت ئارىلى قۇرۇشنى تېزلىتىش-مەركەزنىڭ زور تەدبىرى، ئىدىيەدە تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

ساياھەتچىلىك-خەينەننىڭ نۇقتىلىق كەسپى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەينەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، قولايلىق بولغان ئارالدىن ئايرىلغاندا باج كەچۈرۈم قىلىنغان ماللارنى سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇلتۇر ئارالدىن ئايرىلغاندا باج كەچۈرۈم قىلىش دۇكانلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى 60 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. خەينەن ئۆلكىلىك سودا نازارىتى ئىستېمال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې يىنەن بىز ئارالغا كىرگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە ساياھەت كوپىراتىپى، مەنزىرىگاھ، مېھمانساراي قاتارلىق جايلاردا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا 100 مىليارد يۈەنلىك سېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز دېدى.

ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش-بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېچىۋېتىش شەكلى. 2018-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن خەينەن ئارىلىدا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش، خەينەننىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىپ، ئۇنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى قەدەم-باسقۇچ بويىچە ئورنىتىشنى قارار قىلدى دەپ جاكارلىدى.

ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، «خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى» ئىلگىرى-كېيىن چىقىرىلىپ، بازار ئىجازىتىنى بوشىتىش ئالاھىدە تەدبىرى قاتارلىق 150 نەچچە تۈرلۈك سىياسەت ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى. خەينەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇ گاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئەركىن سودا پورتى سىياسىتىنىڭ خەينەندە ئەمەلىيلىشىشىنى ئۆزى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىلگىرى سۈردى، مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار پىلان بار بولۇپلا قالماستىن، ئەمەلىيەتتە باش شۇجى ئەركىن سودا پورتىدا نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىزگە ناھايىتى توغرا ۋە تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ بەردى.

ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتكە ئەگىشىپ، 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، پۈتۈن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %6.5 ئاشتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ سەرخىللاشتى.

2018-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بوئاۋ لېچېڭ خەلقئارا داۋالاش، ساياھەت باشلامچى رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، ساغلاملىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، بوئاۋ لېچېڭ باشلامچى رايونى كىرگۈزگەن ئالاھىدە ئىجازەتلىك داۋالاش-دورا سايمانلىرىنىڭ تۈرى تۇنجى بولۇپ 200 خىلدىن ئېشىپ، خەلقئارادىكى ئىلغار داۋالاش-دورا سايمانلىرىنىڭ ئېلىمىزگە كىرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق يولغا ئايلاندى. لېچېڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسىپكە سودىگەر چاقىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جىڭ بۇ-ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بىرلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، بىز بۇ ئارقىلىق، چېگرا سىرتىدىكى داۋالاش بايلىقىنى جەلپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىمىز دېدى.

بۇ يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم خەينەنگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، تارماقلار قوللاش، ئۆلكە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ يېپىق باشقۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇ. خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇاۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2025-يىلى ئارال بويىچە ئۆز قەرەلىدە يېپىق باشقۇرۇش نىشانى بېكىتىلدى، خەينەن 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئارال بويىچە يېپىق باشقۇرۇشقا كېرەكلىك قاتتىق ماتېرىيال تەييارلىقى خىزمىتىنى تاماملاش، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يېپىق باشقۇرۇشقا كېرەكلىك بارلىق قاتتىق ماتېرىيال تەييارلىقى خىزمىتىنى تاماملاشنى پىلانلىدى. تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەينەن دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-، 2018- ۋە 2022-يىلى خەينەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ