ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«مەملىكەتلىك خەلق رازى بولغان مەمۇرلارنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۇقتۇرۇشى» چىقىرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-25 10:52

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ يىل تۇنجى قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامىدا مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپلىرى»نى تەقدىرلەشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەۋسىيە قىلىش، باھالاش خىزمىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى چىقاردى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەۋسىيە قىلىش، باھالاش خىزمىتىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇپ، نەتىجە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق، تەستىقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان، دەۋر ئالاھىدىلىكى روشەن، ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان بىر تۈركۈم مەمۇرلار ئىلغار تىپلىرىنى تاللاپ، يېڭى دەۋردىكى مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا تەقدىرلەش سانى، باھالاش شەرتى ۋە باھالاش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي قاتلام ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىگە نۇقتىلىق يۈزلىنىپ، زور كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان شەخس ۋە كوللېكتىپلارنى تەۋسىيە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەندى. ھەر قايسى تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇنلاردىن تەۋسىيە قىلىش، باھالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەۋسىيە ئوبيېكتىنىڭ ئىلغارلىقى، ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە دەۋرچانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«مەملىكەتلىك خەلق رازى بولغان مەمۇرلارنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۇقتۇرۇشى» چىقىرىلدى