ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يېڭى قىياپىتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-27 18:36

 

قىزىل گېن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇپ، خۇنەن زېمىنى يېڭى قىياپەتكە كىردى 

خۇنەن قىزىل مۇنبەت تۇپراق. باش شۇجى شى جىنپىڭ: زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار بۇ مۇنبەت زېمىندا جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان قەھرىمانلىق مارشىنى ياڭراتتى. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. خۇنەن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ خۇنەن يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقتى. 

خۇنەن-جياڭشى كونا ئىنقىلابىي رايونىدىكى چېنجۇنىڭ رۇچېڭدىكى شاجۇ كەنتى «يېرىم يوتقان ھېكايىسى» بارلىققا كەلگەن جاي. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 10-ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رۇچېڭ ناھىيەسى شاجۇ كەنتىدە، ئۈچ ئايال قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى شۈ جيېشيۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىپ، ماڭىدىغان چاغدا ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ مومايغا بەرگەن. موماي: كومپارتىيە دېگەن نېمە؟ كومپارتىيە دېگەن ئۆزىنىڭ بىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ پۇقرالارغا بەرگەن پارتىيە، دېگەن. 

«يېرىم يوتقان ھېكايىسى» جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە خىسلىتىنى نامايان قىلدى. 2020-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاجۇ كەنتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە: بۇ خىل قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل ھېكايىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل تەربىيەنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. 

شاجۇ كەنتى قىزىل بايلىق ۋە قەدىمىي كەنت قىياپىتىگە تايىنىپ، قىزىل ئۆزگىچە ساياھەت خاسلىقىغا ئىگە كەنت بەرپا قىلدى، بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ 100 يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشتى. كەنت ئاھالىسى جۇ شىنلياڭ مۇنداق دېدى: شاجۇ كەنتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، كەسىپ شەكىللەندى. ئىلگىرى قىزىل ئارمىيە بىزگە يېرىم يوتقان بەرگەن بولسا، ھازىر كومپارتىيە بىزگە بەختلىك ياخشى كۈن ئاتا قىلدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ!

بۇرۇنقى نامرات كەنتتىن بۈگۈنكى ھاللىق كەنتكە ئۆزگىرىشتەك شاجۇ كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر دەل خۇنەندىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

خۇنەن ئۆلكىسى خۇنەن-جياڭشى چېگراسى، خۇنەن-خۇبېي-چۇڭچىڭ-گۇيجۇ كونا ئىنقىلابىي رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، 10 يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە ئۆلكە خامچوتىدىن 6 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق 2 مىڭغا يېقىن تۈرگە مەدەت بەردى. كونا ئىنقىلابىي رايونلار قىياپىتىنى يېڭىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى. شاجۇ كەنتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى تەن شىنخۇا مۇنداق دېدى: بىز زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى داۋاملىق پائال يېتىلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇرتداشلارنى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بەرپا قىلىمىز.

يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى ئالاھىدە كەسىپلەردىن ئايرىلالمايدۇ. خۇنەن-خۇبېي-چۇڭچىڭ-گۇيجۇ كونا ئىنقىلابىي رايونىدىكى جاڭجياجيې ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن پايدىلىنىپ، بۆلجۈرگەن چېيى كەسپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان يېتەكچى كەسىپكە ئايلاندۇردى. جاڭجياجيې شەھىرى بۆلجۈرگەن چېيى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى تيەن لىپىڭ مۇنداق دېدى: بىز  يېقىن ئەتراپتىكى پۇقرالارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 50 مىڭدىن ئاشتى. 2021-يىلى بۆلجۈرگەن چېيىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 820 مىليون يۈەنگە يەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020-يىلى 9-ئايدا خۇنەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى د‍ەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ خۇنەن يېڭى سەھىپىسىنى يېزىش كېرەك،دەپ تەكىتلىدى.

خۇنەندىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلار دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ،تىرىشىپ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىلغار ياسىمىچىلىق ئېگىزلىكى نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلىدى. خۇنەن-جياڭشى چېگراسىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايون ليۇياڭ شەھىرىدە 35 كىۋادرات كىلومېتىرلىق زامانىۋى سانائەت يېڭى شەھىرى قەد كۆتۈردى، 2021-يىلى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 128 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئاشتى. ليۇياڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ خۇي مۇنداق دېدى: بىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىنى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، بىيو تېببىي دورا، زامانىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىدە چوڭقۇر قوللىنىش ۋە  ئۆزلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى قوزغىتىمىز.

بۇلتۇر خۇنەندىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمي قىممىتى بىر تىرىللىيون 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ تۆتتىن بىرىگە يېقىنلاشتى. ھازىر خۇنەن ئۆلكىسى «14-بەش يىل» مەزگىلىدە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ. خۇنەن ئۆلكىسى غەربىي خۇنەن رايونىنى ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيا ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بىز قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋاملىق باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يېڭى قىياپىتى