ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ گىۋىيانا پارلامېنتنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-16 10:39

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا گىۋىيانا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نادىر بىلەن ۋىدىيولۇق سۆھبەتلەشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئالىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى قويۇقلىشىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، جۇڭگو-گىۋىيانا دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ يىل-جۇڭگو بىلەن گىۋىيانا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو گىۋىيانا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىۋىيانا باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش داۋامىدا ئۆزئارا چۈشىنىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىدى. جۇڭگو گىۋىئانانىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو-گىۋىيانا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن گۋىئانانىڭ «تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى 2030»نى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، سودا، مەبلەغ سېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، مەدەنىيەت-سەھىيە قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. گۋىئانانىڭ يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرى-ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار. بۇ يىل يەنە جۇڭگو بىلەن كارىب ئەللىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى باشلىغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو گۋىئانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارىب دېڭىزى رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن كارىب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گىۋىيانا خەلق پارلامېنتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق كومىتېت، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇش؛ ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر پارلامېنت ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى پارلامېنتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

نادىر مۇنداق دېدى: گىۋىيانا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ. گىۋىيانا خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، قانۇنچىللىق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ گىۋىيانا پارلامېنتنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا