ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن غەم قىلماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-20 16:03

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «گۇاڭدۇڭ ئاشپىزى»، «گۇاڭدۇڭ ھۆنەرۋىنى» ۋە «گۇاڭدۇڭ ئائىلە مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن ئىبارەت«كىچىك ئۆزگىرىش» ئارقىلىق، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى «چوڭ ئۆزگىرىش»كە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشىنى تېزلەتتى.

2019-يىلى 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 45-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىدە گۇاڭدۇڭنىڭ ماۋمىڭدىكى نامرات دېھقان لو لىپىڭ جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تاۋار كۆرگەزمە تېخنىكا تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا، ماھارەت كىشىلىك تۇرمۇش ئىشىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىشىمغا ياردەم بەرگەن ئاچقۇچ، دېدى. ئۇ تېخنىكا ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، يەنە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە «8-مارت قىزىل بايراقدارى»،«مەملىكەتلىك ياشلار ئىش ئورنى ماھىرى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

2018-يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۆلكە بويىچە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى يىغىنىدا، «گۇاڭدۇڭ ئاشپىزى» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يەنە ئارقا-ئارقىدىن «گۇاڭدۇڭ ھۆنەرۋىنى» قۇرۇلۇشى ۋە «گۇاڭدۇڭ ئائىلە مۇلازىمىتى» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ياڭ خۇڭشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تولۇقلىما خاراكتېرلىك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى جەمئىي 14 مىليون 150 مىڭ ئادەم قېتىم قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك تەربىيەلەش مەبلىغىدىن 14 مىليارد 600 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى. ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك كەسپىي ماھارەت مەشىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھەقسىز تەربىيەلەشنى يولغا قويدى. تەربىيەلەشتىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئەمگەكچىلەرنى جايلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىلىرىدا يېتىشىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن غەم قىلماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «گۇاڭدۇڭ ئاشپىزى»، «گۇاڭدۇڭ ھۆنەرۋىنى» ۋە «گۇاڭدۇڭ ئائىلە مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا