ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقى جۇڭگو تۈزگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-20 16:52

خەلقئارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقى يېقىندا ئېلىمىز رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈزگەن «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئۇل ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەش» ئۆلچىمى ۋە «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى توك بىلەن تەمىنلەش» ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان، بۇ ئىككى ئۆلچەم ئالاقىدار ساھەلەردىكى تۇنجى خەلقئارا تۆمۈر يول ئۆلچىمى ئىكەن.

خەلقئارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئىككى تۈرلۈك «ئۆلچەم»گە جۇڭگو دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر رىياسەتچىلىك قىلغان، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنىڭ 20 نەچچە مۇتەخەسسىسى قاتناشقان بولۇپ، تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۈزۈپ چىقىلغان.

ئىككى تۈرلۈك «ئۆلچەم» دۇنيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لايىھەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەش، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇلغان ئىلغار تېخنىكا ئاساسىدا، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئومۇمىي لايىھە ئىدىيەسى كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول پويىزىنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك ھالقىلىق كۆرسەتكۈچلىرى ۋە تۇتاشتۇرۇش تورى سىستېمىسى قاتارلىق ئەۋزەل تېخنىكىلار قوبۇل قىلىنىپ، ئاخىرىدا خەلقارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى لايىھەلەش ئىدىيەسى، ھالقىلىق پارامېتىرى ۋە تېخنىكا تەلىپى بېكىتىلىپ، دۇنيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تىجارىتىگە جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى قوشۇلدى.

خەلقئارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول كومىتېتىنىڭ رەئىسى خو باۋشى مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئۆلچەمگە ئېلىمىزنىڭ ئەۋزەل تېخنىكىسى ۋە ئاچقۇچلۇق پارامېتىرى كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگو تۆمۈر يول تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن سىستېمىسى، پۈتۈن ئامىلى، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى «سىرتقا چىقىرىش»نى ئۆلچەم تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەلقئارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقىنىڭ 60 نەچچە تۈرلۈك مۇھىم تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزۈش، تۈزىتىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە قاتناشتى، رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان 11 تۈرلۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول سىستېمىسى دەرىجىلىك ئۆلچەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى يولغا قويۇش، لايىھەلەش قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ئۆلچەم بوشلۇقىنى تولدۇردى.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى


 


 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقى جۇڭگو تۈزگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقى يېقىندا ئېلىمىز رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈزگەن «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئۇل ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەش» ئۆلچىمى ۋە «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى توك بىلەن تەمىنلەش» ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان،