ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فۇجيەن ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-23 16:59

【جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، ئالەمشۇمۇل ئون يىل】فۇجيەن ئىقتىسادنى يۇقۇرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرماقتا

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم فۇجيەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، فۇجيەنگە «مېخانىزمى جانلىق، كەسپى ئەۋزەل، پۇقراسى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل يېڭى فۇجيەن قۇرۇش» ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. فۇجيەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ فۇجيەن سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياراتتى.

شيامېن خوجۈ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىدىكى بىر ئېلېكتىرون كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ھەر 3.2 سېكۇنتتا بىر يانفون ئېكرانى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان 15 دىيۇمدىن تۆۋەن ئوتتۇرا، كىچىك رازمېرلىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق كۆپ كىرىستاللىق ئېكرانىنىڭ خەلقئارا بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى تۆت يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

شيامېن خوجۈ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى ھالقىلىق زاپچاسلارنى ئىمپورت قىلىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەسىپ زەنجىرىدە يۇقىرى تۆۋەن ئېقىمدىكى 100 دىن ئارتۇق يەرلىك يانداش كارخانىنى يۆلىدى، يەنە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق مۇلازىمەت سۇپىسى»نى ئىشقا سېلىپ، باغچە رايونى كارخانىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىق بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

شيامېن خوجۈ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىنىڭ تەرەققىياتى فۇجيەننىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، فۇجيەن ئۆلكىسى چاڭتىڭ ناھىيەسى سۈيفېڭ كەنتىدىكى مىڭ مولۇق ئېكولوگىيەلىك قۇم ئالما مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى لەي مۇشېڭ يۇرتداشلارنىڭ مېۋە ئىلغىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۇ يەر نەچچە يىل ئىلگىرى سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بولۇپ، بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيتتى.

چاڭتىڭ ناھىيەسى سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەڭ كۆلەمدە تۈزەش ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تەڭ نەپ ئالىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى، چاڭتىڭنىڭ سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش ئۇسۇلى يەر شارى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

لەي مۇشېڭ مۇنداق دېدى: مەن 1390 مو باغ بىنا قىلدىم، ھازىر قاقاس تاغلار «يېشىل خەزىنە»گە ئايلاندى.

ئون يىلدىن بۇيان، فۇجيەن دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلەنشى ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئەندىزىسى قاتارلىق 39 تۈرلۈك ئىسلاھات نەتىجىسىنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتتى، ۋۇيىشەن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، فۇجيەننىڭ يېشىل نام كارتىسى تېخىمۇ جۇلالاندى.

ئون يىلدىن بۇيان، فۇجيەن رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2012-يىلىدىكى 2 تىرىليون 20 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 2021-يىلى 4 تىرىليون 880 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئېكولوگىيە ئۆلكىسى ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فۇجيەن ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرماقتا

【جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، ئالەمشۇمۇل ئون يىل】