ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-23 17:00

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى سىجىل كېڭەيتىدىغان سىياسەت تەدبىرلەر، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ مەمۇرىي كېسىم ھوقۇقىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم جەرىمانە قويۇش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەش قارار قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز ئىقتىساد مۇقىم ئېشىشنىڭ ھالقىلىق كۆزنىكىدە تۇرۇۋاتىدۇ، 3-پەسىل ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ماكرولۇق ئىقتىساد چوڭ ئاساسىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالى، مەخسۇس قەرز قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشتا يەنە خېلى چوڭ بوشلۇق بار، ھەمدە بۇ نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەبلەغنى قوزغىتالايدۇ، بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنىڭ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستېمالنى يېتەكلەش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، مۇھىم تۈرلەرگە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، سىجىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تاللانغان تۈرلەر ھازىرقىغىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ پايدىلىق بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ۋە تىرەكلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش، «14-بەش يىللىق يىرىك پىلان» قاتارلىق پىلانلارغا ئۇيغۇن بولۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولۇش، بالدۇر ئىش باشلاش كېرەك. مۇھىم تۈرلەرگە بەلگىلىمە بويىچە يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆرسەتكۈچ ئايرىم تۈزىلىدۇ. رىقابەتلىك كەسىپلەرگە كەلسەك، يەنىلا پۈتۈنلەي بازارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىش كېرەك. ئىككىنچى، سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالى مەبلىغىنى تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن-بەلگىلىمىگە ئاساسەن ياخشى ئىشلەپ، رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، يەرلىكلەر بۆلىۋالماسلىق كېرەك، پىشىپ يېتىلگەن تۈرلەر قانچە كۆپ بولسا، يەرلىكنىڭ قوللىشى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. مەخسۇس قەرز مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. سودا بانكىلىرىنى مۇناسىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە يېتەكلەش، سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىلار يېڭىدىن كۆپەيتكەن كىرېدىت نورمىسىنى ۋاقتىدا تارقىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، جايلار سۈپەت تەلىپى بويىچە تۈر سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىش توختاتماسلىق، ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا شارائىت يارىتىپ، 3-پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ماددىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈش ھەمدە ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش چارىسىنى كۆپرەك قوللىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئىشلەمچىلىك قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. مۇۋاپىق پەيتتە تارماقلار بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، جايلارغا بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەسىلە ئاسارىتى قالدۇرماي، مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىكنى توسۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىستېمالنىڭ خەلق تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، يەنىلا ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچىگە ئايلىنىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەخسىي ئىستېمال قەرز پۇلىغا قارىتا تېخىمۇ جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنى قوللاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشتا، جەزمەن قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، خەلق ئاممىسى ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي كېسىم ھوقۇقىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەركىن كېسىم بوشلۇقىنى قىسقارتىپ، قانۇن ئىجراسىنىڭ بەك يېنىك ياكى بەك ئېغىر بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى،