ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيەلىرى پېلوسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:24

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر پارتىيەلىرى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، بۇ ئىش جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ قارايمىز. ھەر قايسى تەرەپلەر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

رۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى، رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى مېلىنىكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېلوسىنىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولۇشى-جۇڭگوغا ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ھاسىل قىلغان بىر قاتار كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلىق، بۇ ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى. رۇسىيە كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.

پاكىستان ئىشچى-دېھقانلار پارتىيەسى شۇجىچۇسى بايانات ئېلان قىلىپ، پېلوسىنىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مىسىر كومپارتىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېلوسىنىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى كىرىزىستا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خەتەرلىك سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىشقا ئەقىل پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز.

بىرازىلىيە كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى سانتوس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېلوسىنىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولۇشى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق.

تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

نېپال، بېنگال، جەنۇبىي ئافرىقا، ئارگېنتىنا، ۋېنگىرىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتتىكى 60 نەچچە پارتىيەمۇ پېلوسىنىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتكە بولغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيەلىرى پېلوسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى

پاكىستان ئىشچى-دېھقانلار پارتىيەسى شۇجىچۇسى بايانات ئېلان قىلىپ، پېلوسىنىڭ تەيۋەن رايونىدا پىتىراپ زىيارەتتە بولغانلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،