ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى دەۋردە ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-28 12:50

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى» باش تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئايرىم-ئايرىم ئېچىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككى تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئون يىل ئىلگىرىكى 42 مىڭ يۈەندىن 85 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، چېگرانىڭ تىنچ-ئامانلىقىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت ساقلاندى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن شاۋچېڭ مۇنداق دېدى: يايلاقتا «يەتىكەن يۇلتۇزىغا توغرا قارىساق، نىشاندىن ئادىشىپ قالمايمىز» دېگەن ماقال بار. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ ئون يىلدا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ۋە يۈكسىلىپ، مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب-يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ بولغانلىقىدا، يېڭى مۇساپىدە، بىز باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە ئىچكى موڭغۇلنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى ئاچىمىز.

ئون يىلدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئېكولوگىيەنى قەتئىي بوشاشماي قوغداپ، بۇلغىنىشنى تۈزەپ، تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىي 122 مىليون مو ئورمان ئەھيا قىلىپ، 286 مىليون مو ئوت-چۆپ تېرىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 12 مىليون مودىن ئارتۇق يەردە قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە قۇمنى تىزگىنلىدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ئېلېكتىر ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 156 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئېلېكتىرى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلدى؛ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 56 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك تارقىتىش مىقدارى 119 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. 2021-يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 2012-يىلىدىكى 740 مىليارد يۈەندىن بىر قاتلاندى. ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيە چىقىمىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى. شەھەر-يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە نوپۇسنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ يېزا-بازار شىپاخانىلىرى، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدى؛ يېزىلارنى ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپى ۋە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلىدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۈي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر بىر نەتىجە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەر بىر ھالقىشنىڭ نېگىزى-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى مەھكەپ تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن ئاقىلانە، پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پىروگراممىسى ۋە جېنى، بىز بۇنى تولۇق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئىجرا قىلساقلا، چوقۇم شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ھالدا مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، 25 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن 21 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، 176 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتى، خەلقئارادىكى 45 شەھەر بىلەن دوستلىشىپ، «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى دەۋردە ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى» باش تېمىسىدىكى ئاخبارات