ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئۇل قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 09:06

جايلار قاتناش، كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى.

«تيەنجىن-شىجياجۇاڭ-ياۋروپا»غا قاتنايدىغان تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىندىن يولغا چىقتى. بۇ پويىز يولغا چىققاندا 40 ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقىغا تيەنجىننىڭ تاۋارلىرى قاچىلاندى، شىجياجۇاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى تۆمۈر يول ۋوگزالىغا يېتىپ بارغاندا، يەنە 60 ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقىغا خېبېينىڭ تاۋارلىرى قاچىلاندى، مال قىممىتى 21 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. ئەشيا ئوبوروتىنى ماسلاشتۇرۇش بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ساھە، شىجياجۇاڭ بىلەن تيەنجىن قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ھەمتۈرتكە بولۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى يۇغۇرۇش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە. شىجياجۇاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جىنپېڭ مۇنداق دېدى: تيەنجىن-شىجياجۇاڭ-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى دېڭىز تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورتى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇرۇپ، تيەنجىن-خېبېينى رايون ئارىسىدا قۇرۇقلۇق-دېڭىز ھەمتۈرتكە بولۇش، قوش يۆنىلىشلىك خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى، يۈك تىرانسپورت ۋاقتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جياڭسۇ بىلەن ئەنخۇينى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆلكىدىن چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىياڭ-نىڭدې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ جياڭسۇ بۆلىكىدە 11-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلاندى. لىياڭ-نىڭدې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جياڭسۇ بۆلىكى دۆلەت تاشيول تورى پىلانىدىكى لىياڭ-نىڭدې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 23.7 كىلومېتىر كېلىدۇ. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي جياڭسۇ بىلەن جەنۇبىي ئەنخۇي رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. لىياڭ-نىڭدې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ كېفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ پۈتۈشى تەيخۇ كۆلىنىڭ غەربىدىكى جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى چوڭ يولنى تۇتاشتۇرۇپ، جەنۇبىي جياڭسۇ رايونى بىلەن جەنۇبىي ئەنخۇي رايونىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىنىيە بويىدىكى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

شىئە-شيەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىدىكى نۇقتىلىق تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدا 217 كۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇلۇش قىلىنىش ئارقىلىق، شىلىڭ تونېلىنىڭ 1-نومۇرلۇق بۆلىكى يېقىندا ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى. شىلىڭ تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىق 18 مىڭ 83 مېتىر كېلىدۇ، بۇ تونىل شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شاڭلو شەھىرىدە. مەزكۇر تۆمۈر يول شىئەن، شاڭلو، شىيەن قاتارلىق ئۈچ شەھەردىن ئۆتىدۇ، بۇ تۆمۈر يولدا 2026-يىلى قاتناش باشلىنىدۇ. شۇ چاغدا شىئەندىن شيەنگە بىر سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. شىئەندىن ۋۇخەنگىچە بولغان تۆمۈر يول مۇساپىسى 5 سائەتدىن 2.5 سائەتكىچە قىسقىرايدۇ. قۇرۇلۇش مەسئۇلى لى ئەنراڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىئەن-شيەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول تورىنى يەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۇۋەنجوڭ شەھەرلەر توپى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. چىنبا تاغلىق رايونىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئۇل قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى

جايلار قاتناش، كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى.