ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 129-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 09:09

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 129-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى فېي ئايرىم-ئايرىم بەرگەن ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، زاپاس ھەربىيلەر قانۇنى لايىھەسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەركىبىدىكى خادىملار يۇقىرىقى قانۇن لايىھەلىرىگە قاراپ چىقتى. يىغىندا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يۇقىرىقى قانۇن لايىھەلىرى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ۋەن ئېشياڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有