ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

10-ئايدا ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى تۆۋەنلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 09:30

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 10-ئايدا، ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %0.1 سېلىشتۇرما ئۆرلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئاشتى؛ سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى %0.2 سېلىشتۇرما ئۆرلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 تۆۋەنلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك بولدى، مال باھاسى باشتىن-ئاخىر مۇقىم بولدى.

ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن قارىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سېلىشتۇرما ئاساسىي سان يۇقىرى بولۇش ئامىلىنىڭ تەسىرىدە، ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى 2.1% ئۆرلىگەن، ئۆرلەش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.7 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك باھاسى %7 ئۆرلىگەن. سېلىشتۇرما نىسبەتتىن قارىغاندا، ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى 0.1%ئۆرلىگەن، ئۆرلەش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك باھاسى %0.1 ئۆرلىگەن، ئۆرلەش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.8 پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى جەھەتتە، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن قارىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سېلىشتۇرما ئاساسىي سان بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكى %0.9 ئۆرلەشتىن %1.3 تۆۋەنلەشكە ئۆزگەرگەن. سېلىشتۇرما نىسبەتتىن قارىغاندا، سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكى %0.1 تۆۋەنلەشتىن %0.2 ئۆرلەشكە ئۆزگەرگەن. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسى %0.2 تۆۋەنلەشتىن %0.1 ئۆرلەشكە ئۆزگەرگەن. نېفىتكە ئالاقىدار كەسىپلەردىكى باھا داۋاملىق تۆۋەنلىگەن.

كەسپىي تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە، پۈتكۈل مال باھا ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، خەلقئارادىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى، بۇ-مۇقىم ئېشىۋاتقان دۆلەت ئىچىدىكى پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

10-ئايدا ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى تۆۋەنلىدى

10-ئايدا ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى تۆۋەنلىدى