ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«نەملىك ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 14-نۆۋەتلىك يىغىنى ئاياغلاشتى، يىغىنىدا بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:23

«نەملىك ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 14-نۆۋەتلىك يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاياغلاشتى. يىغىندا «ۋۇخەن خىتابنامىسى»، «2025-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان يەر شارى نەملىك قوغداش ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى» قاتارلىق مۇھىم نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى.

«2025-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان يەر شارى نەملىك قوغداش ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى»دا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 5-قارارلىق ئىستراتېگىيەلىك پىلان بىلەن 4-قارارلىق نىشاننىڭ بىردەكلىكى ۋە ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ھەمدە مۇھىم نۇقتا نەملىكنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يەر شارى مۇھىت خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى رولىغا قارىتىلىپ، نەملىكنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، نەملىكنىڭ چېكىنىشى تىزگىنلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، تېخنىكا ۋە ئىلىم-پەن ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ھەمكارلىق كۈچەيتىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلۈشى بىلەن يەر شارى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، يەر شارى جانلىقلار كۆپ خىللىقى رامكىسى، كىلىمات ئۆزگىرىش نىشانى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش 10 يىللىق» ھەرىكەت پىلانى، ھۆكۈمەتلەر ئارا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسى بويىچە مۇلازىمەت-ئىلىم-پەن، سىياسەت سۇپىسى قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر تولۇق ماسلاشتۇرۇلىدۇ.

يىغىندا زىمبابۋېنىڭ «نەملىك ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئېچىشنى ئۈستىگە ئېلىشى بېكىتىلدى. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، «نەملىك ئەھدىنامىسى» نىڭ 61-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى، جۇڭگو دائىمىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئەھدىنامە مۇساپىسىگە ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有