ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاپ، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى پۇختىلاش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:27

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەش، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى ئاشلىق بىخەتەرلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىدى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشىنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.

قىش كۈنلىرىدىكى ئېتىزلىقتا تېرىقچىلىق توختاپ قالمىدى. تۇپراقنى يېرىپ چىققان كۈزگى بۇغداي مايسىلىرى تەكشى، ياخشى ئۆسۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈزگى بۇغداي كۆلىمى 335 مىليون مودىن ئاشتى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا؛ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئۆلچەملىك ئامبارلارنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 700 مىليون توننىغا يېتىپ، مەركەزلىك بازارغا سېلىنىۋاتقان كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا نەزەر سالساق، مول ھوسۇل تەستە قولغا كەلدى. ھەر قايسى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئاز كۆرۈلىدىغان كۈزلۈك كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈزگى بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە كېچىكىپ تېرىش، قىسمەن جايلاردا يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، جەنۇبتىكى ئېغىر يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. يازلىق ئاشلىق، چىلگە شالنىڭ مەھسۇلاتى ئاشتى، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇرغۇن رايونلاردا كۆممىقوناق، دادۇرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتى داۋاملىق بىر تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاشنى چىڭىتىپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى، ئاساسلىق سېتىش رايونلىرى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭپۇڭ بولغان رايونلاردا تاماق قاچىسىنى تەڭ تۇتۇش، مەسئۇلىيەتنى تەڭ زىممىسىگە ئېلىش كېرەك.

بۇ يىل، مەركەز ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى باھالاشنى تۇنجى قېتىم يولغا قويدى، جايلار، تارماقلار دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك سالماق بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن 120 مىليارد 500 مىليون يۈەننى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاجرىتىپ، بۇغداي ۋە شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى داۋاملىق ئۆستۈردى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارغا بىر قېتىمدا 40 مىليارد يۈەن تولۇقلىما ئاجرىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر قاتلىدى.

بۇ يىل، ئېلىمىز ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئاشلىقنىڭ تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە تېرىقچىلىق كىرىمى سۇغۇرتىسى بىلەن ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 13 ئۆلكىدىكى 826 ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەنى تولۇق قاپلاپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

«ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تېرىلغۇ يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىش» ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەنلىكتىن، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئېلىمىز يولغا قويغان قارا تۇپراقنى قوغداش خاراكتېرلىك تېرىقچىلىق كۆلىمى 83 مىليون موغا يېتىپ، يىللىق پىلاندىكى ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان بىر مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ بىر تىرىليون جىڭدىن ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئېلىمىزدە ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورت بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، زىرائەتلەرنى تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %72 تىن ئاشتى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %61 كە يەتتى.

ئۈمىد ئېتىزلىرىدا، يېڭى مول ھوسۇل ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە. يېڭى تارىخىي پەللىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «ئاشلىق بىخەتەرلىك ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ-ھەم دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا بولغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ ھەم ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما.

يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىنماقتا، «جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسى» جەزمەن تېخىمۇ لىق تولۇپ، تېخىمۇ پۇختا كۆتۈرۈلىدۇ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاپ، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى پۇختىلاش كېرەك

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەش، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى ئاشلىق بىخەتەرلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىدى.