ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شېنجۇ 14-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىدىكى ئۇچقۇچىلار «تيەنجۇ 5-نومۇرلۇق» يۈك بۆلمىسىگە كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:31

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 14 تىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، «شېنجۇ 14-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «تيەنجۇ 5-نومۇرلۇق» يۈك بۆلمىسىنىڭ ئىشىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، پىلان بويىچە يۈك يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان.

مۇھىت تەكشۈرۈش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن، سائەت 15 تىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى «تيەنجۇ 5-نومۇرلۇق» يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىگە كىرىپ، ماللارنى يۆتكەش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى «تيەنجۇ 5-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسى تەخمىنەن 6.7 توننا ئەشيانى ئېلىپ چىققان بولۇپ، ئالەم كېمىسىگە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسى، بوشلۇق پونكىتى سىستېمىسى، بوشلۇقتا قوللىنىش ساھەسىدىكى ماللار بولۇپ جەمئىي 5 توننا يۈك ، 1.4 توننا تولۇقلىما ئىتتىرگۈچ قاچىلانغان. «شېنجۇ 15-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ ئادەمنىڭ ئالتە ئاي ئوربىتىدا تۇرۇشى، بوشلۇق پونكىتىنى قۇراشتۇرۇش، ياساش ۋە بوشلۇقتا قوللىنىش ساھەسىنى ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، ئوربىتىدا بەش ئايدىن ئارتۇق ئالدىراش يۈرگەن «شېنجۇ 14-نومۇرلۇق»ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىغا يېڭى مېۋە-چېۋە يەتكۈزۈپ بەردى.

«شېنجۇ 14-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسى يەنە ماشىنا بىلەكنىڭ چوڭ-كىچىك بىلىكىنى بىرلەشمە سىناش ۋە بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

«تيەنجۇ 5-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسى ئېلىمىزنىڭ بوشلۇق پونكىتىنى ياساش باسقۇچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى بولۇپ، كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ توشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有