ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:35

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن پنومپىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتتېرىس بىلەن كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم ئاپپارات. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشتا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى نوپۇزلۇق رولىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو باش كاتىپ گۇتتېرىسنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئاۋۋالقىدەكلا كۈچەيتىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى، خەلقئارا قانۇن مىزانىنى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغدايدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن زىچ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى داۋاملىق چامىسىنىڭ يېتىشىچە قوللايدۇ.

گۇتتېرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق قارالمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپسىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

زۇڭلى لى كېچياڭ شۇ كۈنى بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن كامبودژانىڭ پايتەختى پنومپىندىن ئايرىلدى. كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى خور نامخوڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمدارلىرىنى باشلاپ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى. جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنتيەن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىڭ شىجۈنمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى.

تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن پنومپىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتتېرىس بىلەن كۆرۈشتى.