{يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى نەتىجە} گۇيجۇ تەيپەن كەنتىنىڭ يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش يېڭى تەپەككۇرى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق يېڭى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى يارىتىشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى چېلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان-ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىستانسىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى ئۇلۇغ نەتىجە» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋەر ئاڭلىتىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى خاتىرىلەپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك جانلىق ھېكايىسىنى بايان قىلىدۇ، بۈگۈن ئالدى بىلەن گۇيجۇنىڭ تەيپەن كەنتىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.
تەيپەن كەنتى گۇيجۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، نوپۇسى 1200گە يەتمەيدىغان مياۋزۇلار كەنتى. مۇخبىر تەيپەن كەنتىگە كەلگەندە، دەل 20-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش بويىچە لېكسىيە ئۆمىكى شۇ جايدا لېكسىيە دوكلاتى بېرىۋاتتى. يېزا كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا كەنت قۇرۇپ چىقىشقىچە، لېكسىيە ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن 20-قۇرۇلتاي روھى يۇرتداشلارنى كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىق نىشانغا ئىگە قىلدى. كەنتتە بىر تەرەپتىن 20-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەنگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پىلانلايدىغان بۇنداق يىغىنلار نەچچە قېتىم ئېچىلدى. تەيپەن كەنتىنىڭ ۋاسكېتبول ئويناش تارىخى بار، ھەر يىلى مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالىدىغان ئەنئەنىۋى بايرام «يېڭى گۈرۈچكە ئېغىز تېگىش بايرىمى»دا، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا بىر مەيدان مۇسابىقە تەشكىللىنىدۇ. بۇ يىل يازدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تەيپەن كەنتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى چەت، يىراق تەيپەن كەنتىدىن 10 مىنۇتتىلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا، 20 نەچچە مىنۇتتىلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولغا چىققىلى بولىدىغان بولدى، يەنە 5Gتورى بىلەن قاپلاندى. قاتتىق دېتال شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تېخىمۇ قىزىپ كەتتى. بۇ يىل يازدا، 198 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى، يەنە تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش يېڭى مەزمۇنى قوشۇلدى، تاغدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئاجايىپ قىزىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «كەنت كۇلۇبى» دەپ ئاتالدى. يېرىم ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان مۇسابىقە جەريانىدا تەيپەن كەنتى 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىننى كۈتۈۋالدى. 20-قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيپەن كەنتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى جاڭ دې كەنت يىغىنىدا كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنتتە يولغا قويۇلىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى رەتلەپ چىقتى. تەيپەن كەنتى كېيىنكى باسقۇچتا يېزا مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ئىستىراھەت، مۇسابىقە، ساياھەت قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەرەققىيات يولىنى ئايدىڭلاشتۇرغان تەيپەن كەنتى جىددىي ھەرىكەتكە كەلدى. ۋاسكېتبول مەيدانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى، ھاجەتخانا، زەرەتلەش قوزۇقى قاتارلىقلارنى كېڭەيتىپ قۇرۇشمۇ پىلانغا كىرگۈزۈلدى، بۇ يىل كەنت يەنە ئۆلكە بويىچە گۈزەل يېزا-كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى، يىل بويى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر بىر-بىرلەپ يۇرتقا قايتىپ تەرەققىي قىلىشنى قارار قىلدى. يېزا 20-قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى تەپەككۇرگە ئىگە بولدى. ھازىر يېزا تەيپەن كەنتىنىڭ ۋاسكېتبول مەدەنىيىتى، ياڭفاڭ كەنتىنىڭ رەڭدار قىچىسى ۋە كۇڭجەي كەنتىنىڭ ئاتسىپېنسېر بېلىقى باقمىچىلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە يېڭى بەلگىسى، ساياھەت يېڭى نام كارتىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل