ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 09:38

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا داۋاملىق تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، خەت ئەۋەتىپ ھەمدە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارىيىتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق قايغۇردۇم، چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان. يولداش جياڭ زېمىن چاۋشيەن خەلقىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى سەمىمىي قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا پائال كۈچ چىقارغان. يولداش جياڭ زېمىننىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

كامبودژا پادىشاھى سىخامونى مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، كامبودژا پادىشاھلىقى ۋە كامبودژا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ دوستى، كامبودژانىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق، دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە كامبودژا-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلارچە دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشقا غايەت زور تۆھپە قوشقان، ئۇنىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.

كورېيە زۇڭتۇڭى يون سوكيول مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونى گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىگەن ئۇلۇغ رەھبەر، شۇنداقلا كورېيە ۋە كورېيە خەلقىنىڭ ياخشى دوستى، مەن كورېيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.

تانزانىيە زۇڭتۇڭى ھەسەن جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى ۋە رەئىس جياڭ زېمىننىڭ تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

چېخ زۇڭتۇڭى زېمان مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇنىڭ تۆھپىسى جۇڭگونىڭ تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ، مەن ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن.

نىكاراگۇئا زۇڭتۇڭى ئورتېگا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقى جۇڭگو خەلقىنى تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىمەكتە ھەمدە داۋاملىق يېتەكلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ چەكسىز رەھبەرلىك كۈچى ۋە مول تەجرىبىسى بىلەن جۇڭگو خەلقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە چوقۇم يېتەكلەيدۇ.

ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ۋېنېسۇئېلا خەلقى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، ۋېنېسۇئېلا ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ.

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ، ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونى يېتەكلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونى دۇنيا ئىقتىسادىغا سىڭىشىپ كىرىش ھەم دۇنيا سەھنىسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، سىنگاپور ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان، سىنگاپور ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ دوستىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ.

پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە قىممەتلىك تۆھپە قوشقان، پاكىستان بۇ ئۇلۇغ دوستىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ.

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى ھەم دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىشىگە تۈرتكە بولغان، جۇڭگونىڭ ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ب د ت 4 - قېتىملىق دۇنيا ئاياللار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىگە رەھبەرلىك قىلغان. مەن ب د ت غا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا سەمىمىي تەزىيە بىلدۈردى.

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە قىرغىزىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو خەلقىدىن ئەڭ سەمىمىي ھال سورايدۇ.

تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن ئەپەندى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، ئۇنىڭ تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ئەپەندى ئۆزبېكىستان-جۇڭگو ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، ئۆزبېكىستان بۇنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ.

ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، مەن بارلىق جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.

نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن ئەپەندى جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پۈتۈن دۇنياغا بىر دۆلەتنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى رەھبەرلىك مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېسىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو مۇنداق دېدى: كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون جياڭ زېمىن جانابلىرى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقارغان، بىز ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.

سېنېگال زۇڭتۇڭى سال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز ھەم ئۇ بەرپا قىلغان شانلىق ئىشلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، دوستانە جۇڭگو خەلقىگە قايغۇلۇق تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز.

جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئەمەلىيەتچىل پەزىلىتى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكاللې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ئەپەندى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. سىياسىيون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتى كېيىنكى دەۋرلەردىكى قىممەتلىك بايلىققا ئايلىنىدۇ.

بىرازىلىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى لۇلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئاجايىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەچچە ئون مىڭلىغان خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋە جۇڭگو خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى، ئۇنىڭ ئاجايىپ رەھبەرلىكى جۇڭگو خەلقىگە ئىلھام بېرىپلا قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. مۇشۇنداق قايغۇلۇق پەيتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.

بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېنگال-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتى رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە زور دەرىجىدە كۈچەيدى، مەن بېنگال خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن ۋە سەمىمىي ھال سورايمەن.

77-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى كوروسى ب د ت يىغىنىغا ۋاكالىتەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سوراپ، جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۇلۇغ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونى يېتەكلەپ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە ب د ت دا گەۋدىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگو ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس، ئۇنىڭ ۋاپاتى جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلىرى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، مەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى ۋە قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىن يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاساس سالغۇچىسى بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشقان.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا داۋاملىق تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، خەت ئەۋەتىپ ھەمدە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.