ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى يەر يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 15:56

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 20 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى «شەرق شامىلى» قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇقنىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلانغان. 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭ، ليۇ ياڭ، سەي شۈجې ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭغا تىنچ-ئامان يېتىپ كەلگەن.

12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى يەر يۈزىدىكى كۆزىتىش-كونترول قىلىش پونكىتى ئارقىلىق قايتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى، «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلمىسى بىلەن قايتىش بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلدى، قايتىش بۆلمىسى رەسمىي قايتىش يولىغا قەدەم قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش تورمۇز ماتورىغا ئوت يېقىلىپ، قايتىش بۆلمىسى بىلەن ئىتتىرىش بۆلمىسى ئايرىلدى. قايتىش بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى نىشاننى ۋاقتىدا بايقاپ، قونۇش نەق مەيدانىغا يېتىپ باردى.

قايتىش بۆلمىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، داۋالاش، تەكشۈرۈش خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۇزۇندىن بۇيان كۈتكەن «ئەھۋالىمىز ياخشى» دېگەن سۆزنى ئېيتتى!

سائەت 21 دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە، «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى بولغان چېن دۇڭ، ليۇ ياڭ، سەي شۈجېلار بىخەتەر قايتىپ كېلىپ، بۆلمىدىن ساغلام چىقىپ، ئېغىرلىق كۈچىگە قايتا ماسلىشىشقا باشلىدى. ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
بۇ قېتىمقى «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم بوشلۇق پونكىتىدىكى ئۈچ بۆلمە، ئۈچ ئالەم كېمىسىنىڭ بىرىكمە T خەت شەكلىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئادەم تۇرغان ئەھۋالدا ئالەم كېمىسىنى ئايرىپ قايتىش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: بىز يەنە بىر قېتىم بەش ئايلىنىپ تېز سۈرئەتتە قايتىش لايىھەسىنى قوللاندۇق ۋە دەلىللىدۇق، پۈتكۈل ئۇچۇشنى كونترول قىلىش جەريانى ئىنتايىن مۇكەممەل بولدى، بىزنىڭ چۈشۈش نۇقتىمىز نىشاننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كەلدى، كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان قايتىش بۆلمىسىنىڭ قونۇشىنى كۆرۈشتەك قالتىس جەرياننى يەنە بىر قېتىم ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 5-تەتقىقات يۇرتى ئادەملىك ئالەم كېمىسى سىستېمىسى تۈرىنىڭ تېخنىكا مۇئاۋىن دىرېكتورى شاۋ لىمىن مۇنداق دېدى: بىز پىلان بويىچە ئوربىتىدا 180 كۈن توختاش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى بۆلمىدىن ساغلام چىقتى، ھەممە ئىشلار پىلان بويىچە نورمال بولدى.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن شىچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ۋەزىپە پىروگراممىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە، «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

«شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسى بىلەن «شىنجۇ 15-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئوربىتىدا ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسى يەر يۈزىگە بىخەتەر قايتىپ كەلدى، بىز بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش باسقۇچىدىكى بارلىق ۋەزىپىلەرنى تاماملىدۇق.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى يەر يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 20 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، «شىنجۇ 14-نومۇر»لۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى «شەرق شامىلى» قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان،