ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچلەرنى مۇجەسسەملەيلى--پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما يولداش جياڭ زېمىننى داۋاملىق چوڭقۇر ياد ئەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 15:58

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كادىرلار ۋە ئامما يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئاجايىپ تۆھپىسىنى چەكسىز قايغۇلۇق ھېسسىياتى بىلەن چوڭقۇر ياد ئېتىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ روھىي خىسلىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان تەزىيەنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز. يولداش جياڭ زېمىن ئاممىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەمىشە خەلق ئاممىسىنىڭ غەم قايغۇسى ۋە ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى تەكشۈرەتتى ۋە ئىلگىرى سۈرەتتى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باياننور شەھىرى لىنخې رايونى گەنجاۋمياۋ بازىرى گۇاڭليەن كەنتى پارتىيە ۋە ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۇسەي كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە يولداش جياڭ زېمىننىڭ يۇرتداشلارغا ئېلىپ كەلگەن ئىلھامى ۋە ئىللىقلىقىنى ياد ئەتتى.

1990-يىلى 9-ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن كەنتكە كېلىپ مېۋىلىك باغلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي كىرىم ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ۋاڭ يۇسەي مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن بىزنى دادىل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنى خاتىرجەم قىلدى. كەنت بويىچە مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى مۇقىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلدى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، چىلۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چىيۈن قاتتىق قايغۇردى. 1996-يىلى 10-ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن گۇيجۇ ئۆلكىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، لويى شىنجەي كەنتىگە بېرىپ لاۋياشەن تېغىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن مياۋزۇ قېرىنداشلارنى يوقلىغان ئىدى. ليۇ چىيۈن مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن تاغلىق رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈككەن. ئەينى چاغدا ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ ئەمدىلا كەنتكە چېنىقىشقا كەلگەن ليۇ چىيۈننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئۇ چاغدا دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى لاۋياشەن تېغىدا 23 ئائىلىلىك مياۋزۇ ئاممىسى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، سۇ، توك، يول يوق ئىدى. شۇ جاي نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، تاغ باغرىدا لويى يېڭى كەنتىنى قۇردى، ئامما خىش، ياغاچ كاھىشلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، تۇرۇبا سۈيى، توك يەتكۈزۈلدى، يول راۋانلاشتى. ليۇ چىيۈن مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا بىز كىيىنىش-تويۇنۇش مەسىلىسىنى ئەمدىلا ھەل قىلغان ئىدۇق، ھازىر كەنتتىكىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بىز يېڭى دەۋردە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى داۋاملىق يارىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

قارلىق ئېگىزلىكتە زاڭزۇ قېرىنداشلار يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى. 84 ياشلىق بوۋاي لوساڭ يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ يولداش جياڭ زېمىنغا خادا تەقدىم قىلغاندىكى سۈرىتىنى قايتا قولىغا ئېلىپ چوڭقۇر ياد ئەتتى.

1998-يىلى 3-ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەكىلى، لاسا شەھىرى چېڭگۇەن رايونى ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لوساڭ جياڭ زېمىنغا ئاپئاق خادا تەقدىم قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتقان ئىدى.

«ئەسىر ئالمىشىدىغان تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غەربىي رايوننى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىش». 1999-يىلى يولداش جياڭ زېمىن «غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى ئەسىرگە يۈزلەنگەن بۇ زور تەدبىر شىزاڭنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

لوساڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى شىزاڭدا يولداش جياڭ زېمىن ئارزۇ قىلغاندەك جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.

كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ھاياتى شانلىق ھايات، جەڭگىۋار ھايات. ئۇ 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىدى، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلدى. يولداش جياڭ زېمىن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچلەرنى مۇجەسسەملەيلى--پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما يولداش جياڭ زېمىننى داۋاملىق چوڭقۇر ياد ئەتتى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كادىرلار ۋە ئامما يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئاجايىپ تۆھپىسىنى چەكسىز قايغۇلۇق ھېسسىياتى بىلەن چوڭقۇر ياد ئېتىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ روھىي خىسلىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.