ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-06 10:10

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى توڭلۇن سىسسۇرى ۋە لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى پانكان ۋىپاۋان جۇڭگونىڭ لائوستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، يېڭى ئەسىردىكى لائوس-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىغان دېدى.

ماۋرىتىئۇس زۇڭتۇڭى رۇپون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى، زۇڭلىسى جاگنات جۇڭگونىڭ ماۋرىتىئۇستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى.

گرېنادانىڭ باش ۋالىيسى لاگرېناد جۇڭگونىڭ گرېنادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى.

نىكاراگۇا زۇڭتۇڭى ئورتېگا بىلەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مۇرىللو پارلامېنت باشلىقى پولاس، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مونكادا، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ باشلامچىسى لاۋرېيانونى جۇڭگونىڭ نىكاراگۇادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ كوللېكتىپ تەزىيە بىلدۈرۈشكە ئەۋەتتى.

دومىنىكا زۇڭلىسى سىكېرېت رەپىقىسى بىلەن جۇڭگونىڭ دومىنىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى. تەرجىمان: ئامانگۈل


















中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

يېقىندا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، يولداش جياڭ