ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادى ھەققىدىكى يىللىق مەلۇمات پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-19 09:34

مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا سىجىل تەرەققىي قىلدى، ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن كۈچلۈك بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك ئېشىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

جۇڭگو دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2022-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 120 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشقان. چەتئەل جامائەتچىلىكى ۋە كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ سىجىل تەرەققىي قىلدى، ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن كۈچلۈك بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك ئېشىش ئۈچۈن ئاساس سالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىلگىرىكى ئومۇميۈزلۈك مۆلچەردىن داۋاملىق تېز بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ زور ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشىدىكەن.

نۇرغۇن ئاپپارات ۋە چەت ئەللىك زاتلار جۇڭگونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىسادىي دوكلاتىغا «تېپىلغۇسىز، قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ» دەپ باھا بەردى.

بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئارقا-ئارقىدىن يامراش قاتارلىق كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن كۆپ خىل ئامىللارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنات زەربىسى، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بېسىم داۋاملىق كۈچىيىپ، تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئاشتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 12 تىرىليون يۈەندىن، مال سودا ئومۇمىي سوممىسى 40 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئىستېمال باھاسى ئىزچىل مۆتىدىل بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كۆپ ساندىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭكىدىن تېز بولدى.

تايلاند كەيتەي بانكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى سەي ۋېيسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ چېكىنىش مۆلچەرى ئۆرلىدى، تاشقى ئېھتىياج كۆرۈنەرلىك قىسقاردى؛ جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتى ئىستېمال ۋە مۇلازىمەت كەسپىگە زەربە بولدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا %3 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش بولۇپ، ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئارگېنتىنا بۇئېنوس ئايرېس داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى ئېرنان بېرگستېين مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەزىرىمىزنى 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلغا قاراتساق، دۇنيا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىپادىسى ياخشى بولدى. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلدى.

گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە تاشقى سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مىشائېر شۇمان مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك خىرىسنى يېڭىش ئىقتىدارى بار، 2023- يىلى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن.

گوللاندىيە خەلقئارا گۇرۇھى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېمەكلىك، ئىچىملىك، دورا ۋە ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ تەسىرىدە، يۇقۇم خىرىسىغا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، جۇڭگونىڭ بۇلتۇر 12-ئايدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سانلىق مەلۇماتى يەنىلا مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ 2023ـ يىلى 1-پەسىللىك ئىستېمالنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدىن ئۈمىد بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2023-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ بالدۇر» ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش-نۇرغۇن چەت ئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

1-ئايدا دۇنيا بانكىسى «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر» ناملىق ئەڭ يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، 2023-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى %1.7كە چۈشۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرى 1.9 پوئىنتتىن %0.5كىچە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 1970-يىلىدىكى چېكىنىش مەزگىلىدىن باشقا ئىپادىسى ئەڭ ناچار بىر يىل بولدى. ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرى 1.9 پوئىنت تۆۋەنلەپ نۆلگە چۈشتى. لېكىن مورگان سىتانلى، گولدمان سىچېس، شىۋېيتسارىيە كىرېدىت گۇرۇھى، شىۋېيتسارىيە بانكا گۇرۇھى، بېلەيدې، سىتى قاتارلىق داڭلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بەس-بەستە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىللىق ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق دەپ قارىدى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ باش لىدىرى بورگ برېند مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە قىسقا مۇددەتلىك خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېشىش ئېلىپ كېلىدۇ.
مورگان سىتانلىنىڭ باش ئاسىيا ئىقتىسادشۇناسى چېتان ئاشيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قاتناش يولۇچىلار ئېقىمى قاتارلىق مۇھىم كۆچمە كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئارقىلىق، جۇڭگو نۆۋەتتىكى ماكرولۇق سىياسەت بازار مۆلچەرىنى ئۈزلۈكسىز مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئېشىش ئىستىقبالىنى جانلاندۇردى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا يېقىندا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىستىقبالىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى«ئىنتايىن مۇھىم!» دەپ تەسۋىرلەپ، بۇ «2023-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل» دېدى.
فىرانسىيە تاشقى سودا بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى ئالىسىيە گارسىيە ئېرىرونىڭ مۆلچەرلىشىچە، باشقا ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمى ئۈمىدۋار مۆلچەرگە ئۇيغۇن كەلسە، 2023-يىلى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى تەخمىنەن %50گە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

دۇنيانىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئۈمىدى كاپىتال بازىرى، ئىستېمال بازىرى، تاۋار بازىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

1-ئايدا جۇڭگو پۇقرالارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئۈمىدلەندۈردى. دۇنيا ساياھەت كېڭىشىنىڭ باش لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۇلىيا سىمپسون مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر يەر شارى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قۇۋۋەت قوشىدۇ، كەلگۈسى ئون يىلدا يەر شارى ساياھەتچىلىكى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشىدۇ.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كېرمان مۇنداق دەپ قارىدى: ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىشى تەمىنات زەنجىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، يەر شارى پۇل پاخاللىقىنى يەنىمۇ پەسەيتىدۇ، بۇ «ئىنتايىن ئىجابىي» تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادى ھەققىدىكى يىللىق مەلۇمات پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا سىجىل تەرەققىي قىلدى، ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن كۈچلۈك بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك ئېشىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.