ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىچۈەننى ئىدارە قىلىش، سىچۈەننى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-20 10:23

[ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشەنچنى كۈچەيتىش. نوپۇزلۇق سۆھبەت] سىچۈەننى ئىدارە قىلىش، سىچۈەننى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

سىچۈەن غەربىي قىسىمدىكى نوپۇسى كۆپ ئۆلكە، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكە، يېڭى بىر يىلدا سىچۈەن قانداق قىلىپ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ قانداق قىلىپ سىچۈەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالىدۇ؟ يېقىندا ئىستانسىمىز مۇخبىرى بۇ ھەقتە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇينى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2022-يىلى، سىچۈەن قارا يامغۇر، كەلكۈن، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى، يەر تەۋرەش ئاپىتى، يۇقۇم تەسىرى قاتارلىق كۆپ خىل قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ توپلىنىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېمەكلىك، ئىچىملىك كەسپىنىڭ كۆلىمىنى تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، سىچۈەننى ئىدارە قىلىش، سىچۈەننى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: 2022-يىلى سىچۈەننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاسانغا توختىمىغان، ئالاھىدە بىر يىل بولدى، كۆپ خىل قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، بىز بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جان تىكىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاتلىنىپ، قۇرۇلۇش قىلىپ، «تۆت پەسىلدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، 100 كۈن قاتتىق ئىشلەش» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېڭى بىر يىلدا، بىز تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسىنى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي قارىتىپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

2023-يىلى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. سىچۈەن ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، سىچۈەننىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، سىچۈەن بىرىنچى پەسىللىك چوڭ تۈرلەرنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇ ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق، زامانىۋى كەسىپ، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى 423 تۈرگە چېتىلىدۇ، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 740 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.

سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق سىچۈەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق ئالتە چوڭ ئەۋزەل كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، باتارېيە، كىرىستال كىرېمنىيلىق يورۇقلۇق ۋولت، قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يېڭى يولىنى پائال ئىگىلەيمىز. بىز يەنە يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك «تيەنفۇ ئاشلىق ئامبىرى» ھەرىكەت لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 71 مىليارد 500 مىليون جىڭدىن ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىچۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى داۋاملىق جۇلالاندۇرىمىز.

سىچۈەن ئۆلكىسى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ. 2023-يىلى، ئىككى جاي 248 مۇھىم تۈرنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى تىرىشىپ ياخشى ئېيتىپ، ئىقتىساد چەمبىرىكىنى ياخشى قۇرىدۇ.
سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىز چۇڭچىڭ بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭنىڭ ئاساسىي مەركەز، جەنۇب-شىمالنىڭ ئىككى قانىتى بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، زامانىۋى كەسىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى، شەھەر مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي ئاممىۋى سىياسەتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سىچۈەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىچۈەننى ئىدارە قىلىش، سىچۈەننى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

[ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشەنچنى كۈچەيتىش. نوپۇزلۇق سۆھبەت] سىچۈەننى ئىدارە قىلىش، سىچۈەننى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك