جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىقلار چاغانلىق كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
نەچچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ب د ت دا ۋە ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئايرىم-ئايرىم چاغانلىق كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، چاغان شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.
يېقىندا نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چاغانلىق زىياپىتىدە، نەق مەيداندا مىللىي مۇزىكا نومۇرلىرى، چاي سەنئىتى كۆرگەزمىسى، خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ۋە تاڭيۈەن، جۇۋاۋا ئېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ چاغانلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. نەق مەيداندا يەنە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى.
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى