ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:41

1-ئاينىڭ 21-كۈنى چاغاننىڭ ھارپا كۈنى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى رايونلاردا پانۇسلار ئېسىلدى، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى شاد-خۇراملىققا چۆمۈلدى. كىشىلەر مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئۇسۇللار ئارقىلىق چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

چاغاننىڭ ھارپا كۈنى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولىدىغان پەيتتە، شەھەر، يېزا-كەنتلەر بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. گۇاڭشىنىڭ فۇچۈەندە ياۋزۇ ئاممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خۇشاللىق ئىلىكىدە ياغدا پىشۇرۇلىدىغان ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىدى، دېھقانلار كۈلكە سادالىرى ئىچىدە چاغانلىق تائاملارنى تېتىدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ جاڭجياتۈن بازىرىدا مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن كىشىلەر پانۇسلارنى ئېسىپ، ئوچاقلارنى ياسىدى، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرى چاغان كەيپىياتىغا چۆمدى.

چاغاندا سەنشىنىڭ پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىدە پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلدى، كىشىلەر شاد-خۇراملىققا چۆمۈلدى. ئېسىل ئەجدىھا ۋە شىر ئۇسسۇلى، نەپىس كىلاسسىك ئۇسسۇل قاتارلىق ئويۇنلار قويۇلۇپ ۋە ھەر خىل يېڭى يىللىق ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى جانلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھىرى جېچېڭ ناھىيەسىنىڭ چيەنشۇيۈەن مەيدانىدا ياغاچ ئاياغ ئويۇنى، بامبۇك ئات ۋە قولۋاق ئويۇنى، دۇمباق چېلىش، شىر ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى نامايەن قىلىندى.

1-ئاينىڭ 21-كۈنى، خۇاڭشەن چوققىسى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى، ھەر قايسى جايلاردىن بارغان ساياھەتچىلەر ئېگىزگە چىقىپ يىراققا نەزەر سېلىپ چاغاندىن ئۆزگىچە ھۇزۇرلاندى.

جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرى خۇيچاڭ ناھىيەسى بەيئې يېزىسىنىڭ زىكېڭ كەنتىدە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن 284 ئاھالە يېڭى ئۆيىدە تۇنجى قېتىم چاغان ئۆتكۈزدى. كىشىلەر خۇشاللىققا چۆمۈپ روھلاندى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدىغان بايرامدا كۆچۈرۈپ كەلگەنلەرنىڭ بىرى بولغان لى مىڭفا ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ ئايالى بىلەن چاغانلىق تائاملارنى بالدۇرلا تەييارلىدى.

گۇاڭشىنىڭ خېجۇدا، چاغاننىڭ ھارپا كۈنىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر تەبەسسۇم ئىلىكىدە ئالدىراش ئىدى. خېجۇ شەھەر ئاھالىسى شيې خانىم ئېچىتىلغان دۇفۇ ۋە دۈملەپ پىشۇرۇلغان بېلىق قاتارلىق ئالاھىدە چاغانلىق تائاملارنى تەييارلىدى.

بۇ يىل چاغاندا گۈيجۇنىڭ فۇچۈەندىكى ئاھالىلەر زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بەخت تىلەش ناخشىلىرىنى ئېيتتى، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش گۈزەل ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇدىكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مەھەللىسىدە چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شۇ جايدا قالغان ئىشلەمچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ تېپىشماق تېپىپ، يەلپۈگۈچ ياساپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىككىنچى يۇرتىدا چاغان كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.

قويۇق چاغان كەيپىياتى نامايەن قىلىنىپ، رەڭدار ئۆرپ-ئادەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مىيۈن رايونى «چاڭچىڭ بۇتخانا سەيلىسىدە چاغان ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى، قولۋاق، ياڭگېر ئۇسسۇلى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى قويدى. شاڭخەيدىكى يۈيۈەن باغچىسىدا كىشىلەر تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىپ چاغان شادلىقىغا چۆمدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى شاجۇاڭ قەدىمىي كەنتىدە مول غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنى كىشىلەرگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇدا 20 نەچچە خىل مىللىي ئۆرپ-ئادەت ھۈنەر-سەنئەت كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قانال قىرغىقىغا قاتار تىزىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى. خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ موخېدا كىشىلەر قار-مۇز ئويۇنى ئويناپ، قىشتا بېلىق تۇتۇپ، قار-مۇز دۇنياسىدا چاغان شادلىقىغا چۆمدى.

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىڭياڭدا توشقان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن دېرىزە گۈللىرى كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىدى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەندە بەختنى كۈتۈۋېلىش ۋە توشقان يىلىدا باھارنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق باش تېمىلىق مول مەزمۇنلۇق دېرىزە گۈل قىيمىلىرى بايرام كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خېبىدىكى 100 مېتىرلىق «تىلەك تىلەش كارىدورى»غا 600دىن ئارتۇق قىزىل پانۇس ئېسىلىپ، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ باياشات بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى. سىچۈەننىڭ داجۇدا ئوخشىمىغان پانۇسلار كېچە ئاسمىنىدا رەڭگارەڭ كۆرۈنۈشلەرنى نامايەن قىلدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، چاغان شادلىقى ۋە خۇشاللىقىنى خاتىرىلىدى.

1-ئاينىڭ 21-كۈنى شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بوشلۇق پونكىتىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چاغانلىق تىلەك تىلىدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شياڭگاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەسى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. ۋېييۈەن چاغانلىق بازىرى شياڭگاڭدىكى بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ گۈل بازىرى بولۇپ، جەمئىي 175 يايما تەسىس قىلىنغان، نۇرغۇن شياڭگاڭ ئاھالىسى گۈل بازىرىنى ئايلىنىپ، چاغانلىق گۈل سېتىۋېلىپ، توشقان يىلىنى كۈتۈۋالدى.

ئاۋمېندىكى نۇرغۇن بەلگىلىك ئىمارەتلەردىكى «قۇتلۇق ئالتۇن توشقان بىلەن يېڭى يىلنى تەبرىكلەيمىز» باش تېمىلىق پانۇسلار كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى.

تەيبېينىڭ دىخۇا كوچىسىدىكى چاغانلىق مال بازىرىدا، نۇرغۇن ئامما بۇ يەرگە كېلىپ چاغانلىق مەسنەۋى، كەمپۈت، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، مال سېتىۋېلىپ چاغاننى كۈتۈۋالدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

1-ئاينىڭ 21-كۈنى چاغاننىڭ ھارپا كۈنى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى رايونلاردا پانۇسلار ئېسىلدى، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى شاد-خۇراملىققا چۆمۈلدى.