ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توشقان يىلىدىكى چاغاندا نۇرغۇن دۆلەتلەر تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:55

توشقان يىلىدىكى چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، نۇرغۇن دۆلەتلەر تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ چاغاننى كۈتۈۋالدى ھەم جۇڭگو خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «شادلىققا چۆمگەن چاغان-جۇڭگو مەدەنىيەت بۇتخانا سەيلىسى» 1-ئاينىڭ 20-كۈنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا باشلاندى، رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.

نەق مەيداندىكى مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق، جۇڭگولۇق ۋە رۇسىيەلىك دوستلار دېھقانلار كالېندارىدىكى توشقان يىلىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگونىڭ قويۇق چاغان كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئاجايىپ رەڭدارلىقىغا مەپتۇن بولدى.

ۋېنگىرىيەدىكى «شادىيانە چاغان»نى تور سىرتىدا ھېس قىلىش كۈنى پائالىيىتىدە، جۇڭگو مۇزىكىسى كۇەيشەن، مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى، جۇڭگونىڭ چاغانلىق سوۋغاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا جۇڭگونىڭ چاغانلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلدۇردى. خۇشال چاغان كەيپىياتى شۇ جايدىكى نۇرغۇن خەلق ئاممىسىنى جەلپ قىلدى.

سىنگاپوردا، 37-نۆۋەتلىك «دەريا بويىدا باھار» ناملىق چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە، «سىنگاپوردا ھەر قايسى مىللەتلەر چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىمەكتە» تېمىسىدىكى پانۇس كۆرگەزمىسى ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساليۇتلار چاغاندا سىنگاپورنىڭ كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى. بىنخەي قولتۇقى گۈللۈكى «دەريا بويىدا باھار» پائالىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، چاغان باش تېمىسىدىكى گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسى ھەم سىنگاپوردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان چاغانلىق ئاتكرىتكا كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇردى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توشقان يىلىدىكى چاغاندا نۇرغۇن دۆلەتلەر تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

توشقان يىلىدىكى چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، نۇرغۇن دۆلەتلەر تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ چاغاننى كۈتۈۋالدى ھەم جۇڭگو خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى.