ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دادىنىڭ غېمىدە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:55

يېڭى چېڭدۇ-كۈنمىڭ تۆمۈر يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ بىر ئاي بولمايلا تۇنجى چاغاننى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو تۆمۈريولى چېڭدۇ ئىدارىسى شىچاڭ پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى تيېچى ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ باشلىقى چى جيەنتىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ خىزمىتى ئوخشاشلا توختىماي يولغا چىقىش ۋە يېتىپ بېرىش.

چى جيەنتىڭنىڭ يۇرتى شەندۇڭنىڭ خېزې شەھىرى بولۇپ، 2012-يىلى چېڭدۇ تۆمۈريول ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. كۇرسانت، ياردەمچى شوپۇردىن رەسمىي شوپۇرغا ئايلىنىپ، يۈك پويىزى ھەيدىگەن شۇنداقلا كونا چېڭدۇ-كۈنمىڭ لىنىيەسىدە ئاستا پويىزمۇ ھەيدىگەن. قىزى يەتتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، چى جيەنتىڭ يەنىلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چاغان ئۆتكۈزۈپ باقمىدى، ھەتتا يۇرتىغا قايتمىغىلى نەچچە يىل بولدى.

چى جيەنتىڭ مۇنداق دېدى: چاغاننى توردا ئۆتكۈزسەكمۇ بولىدىكەن. ھېچقىسى يوق، چاغاندىن كېيىن يەنە جەم بولىمىز، مۇشۇ ئورۇندا ئىشلىگەن ئىكەنمىز، بۇ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

D859 قېتىملىق پويىز گەنلو جەنۇبىي ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، شىچاڭ ئېلېكتىر ئۇچاستىكىسى گەنلو نەنچياۋ يولى سېخىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى شيەن ياۋ خىزمەتداشلىرى بىلەن ماشىنا ھەيدەپ ۋەزىپە نەق مەيدانىغا قاراپ ماڭدى.

شيەن ياۋ 2013-يىلىدىن باشلاپ كونا چېڭدۇ-كۈنمىڭ تۆمۈر يولى لىنىيەسىدە خىزمەت قىلغان، بۇ يەرنىڭ گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ بولۇپ، گۈمۈرۈلۈش، لاي-لاتقا ئېقىنى قاتارلىق ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ. يېڭى چېڭدۇ-كۈنمىڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئۇلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ بىخەتەر، ئىشەنچلىك لايىھە ئۈستىدە ئىزدەندى.

2022-يىلى 8-ئايدا شيەن ياۋنىڭ قىزى تۇغۇلدى، گەرچە ئۆيى 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىچاڭدا بولسىمۇ، لېكىن، بەش ئاي جەريانىدا، ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتقان ۋاقتى بىر ئايغىمۇ يەتمىدى،

شيەن ياۋ مۇنداق دېدى: ھازىر بالامنى كۆتۈرەي دېسەم كەلگىلى ئۇنىمايدۇ، مېنى ناتونۇش ئادەمدەك ھېس قىلىدۇ. بالامنى بىردەم قۇچاقلاپ تۇرسام، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ مىنۇت بولغاندا، ئۇ ناتونۇش ھېس قىلىپ، يىغلاپ كېتىدۇ. بۇلتۇر چاغاندا مەن بالام چوڭ بولغاندا، ئۇنى بىز پۈتۈن مۇساپە بويىچە ياساشقا قاتناشقان يېڭى چېڭدۇ-كۈنمىڭ تۆمۈريولىنىڭ پويىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ، پەخىرلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا «بۇ ئاتىڭىز ياسىغان تۆمۈر يول» دېيىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. بۇ يىل مېنىڭ يەنە بىر ئارزۇيۇم كۆپەيدى، مەن بالامنىڭ مېنى تونۇشىنى، بالامنى باغرىمغا چىڭ بېسىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دادىنىڭ غېمىدە

يېڭى چېڭدۇ-كۈنمىڭ تۆمۈر يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ بىر ئاي بولمايلا تۇنجى چاغاننى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو تۆمۈريولى چېڭدۇ ئىدارىسى شىچاڭ پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى تيېچى ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ باشلىقى چى جيەنتىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ خىزمىتى ئوخشاشلا توختىماي يولغا چىقىش ۋە يېتىپ بېرىش.