ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

500 دىن ئارتۇق بەلگىلىك ئىمارەتتە چاغانلىق كېچىلىك كۆرسىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:55

چاغان ھارپىسىدا، باش ئستانسىمىزنىڭ 8K لىق سۈپسۈزۈك بولغان توشقان يىلىدىكى چاغانلىق كېچىلىكى «يۈز شەھەردىكى مىڭ ئېكران» ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 نەچچە شەھەردىكى 500 دىن ئارتۇق سىرتتىكى بەلگىلىك چوڭ ئېكراندا تەڭ قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ، ناھايىتى نەپس، ئېسىل بولغان 8K لىق سۈپسۈزۈك كۆرۈنۈش ئارقىلىق جايلاردىكى تاماشىبىنلارغا «چاغانلىق سوۋغا» تەقدىم قىلىندى، بۇ-سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە يولغا قويغان سۈپسۈزۈك نۇقتىلىق كەسىپ تۈرى بولغان «100 شەھەر، 1000 ئېكران» قۇرۇلۇشىنىڭ «پەن-تېخنىكىلىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى»، «جۇڭچيۇ بايرىمى كېچىلىكى» ۋە «دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى» سىناق تەرىقىسىدە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تورلاشتۇرۇپ ئۇلاپ تارقىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە، مەملىكەت بويىچە 500 دىن ئارتۇق شەھەر بەلگىلىك ئىمارىتى، مەدەنىيەت مەيدانى، قايناق سودا چەمبىرىكىنىڭ سىرتتىكى چوڭ ئېكرانىدا چاغانلىق كېچىلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، بېيجىڭ، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق 20 نەچچە ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى تاماشىبىنلار LED چوڭ ئېكرانى، لازېر نۇرلۇق پىرويېكسىيە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئېكرانلىق 8K لىق تېلېۋىزور قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سۈپسۈزۈك كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق توشقان يىلىدىكى 8K لىق چاغانلىق كېچىلىكنى كۆردى. شەھەرلەرنىڭ كېچە ئاسمىنىدا، يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان، يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز قالغان شەھەر قۇرۇلۇشچىلىرى، مۇلازىمەتچىلەرگە چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەيدىغان، جەم بولۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ئىللىق ماكان ئاتا قىلىندى. تاماشىبىنلار بەس-بەستە مۇنداق دېدى: چوڭ ئېكراندىن چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈش بەك قالتىس ئىكەن، كۆرۈنۈشلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، ئاۋاز بەك يېقىملىق ئىكەن، خۇددى چاغانلىق كېچىلىكنىڭ كۆرسىتىش زالىدا چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرگەندەك بولدۇق، كۆرۈش-ئاڭلاش تۇيغۇمىز بەك قالتىس بولدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

500 دىن ئارتۇق بەلگىلىك ئىمارەتتە چاغانلىق كېچىلىك كۆرسىتىلدى

چاغان ھارپىسىدا، باش ئستانسىمىزنىڭ 8K لىق سۈپسۈزۈك بولغان توشقان يىلىدىكى چاغانلىق كېچىلىكى «يۈز شەھەردىكى مىڭ ئېكران» ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 نەچچە شەھەردىكى 500 دىن ئارتۇق سىرتتىكى بەلگىلىك چوڭ ئېكراندا تەڭ قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ،