ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىدىكى ئورمان قوغدىغۇچىلىرى دېگەن قىسمى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 15:27

ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىملاردىكى چاڭبەيشەن تېغى قاتتىق سوغۇق ئىدى. مۇخبىر قارلىق دالىدا چارلاپ دېلو رازۋېدكا قىلىش چوڭ ئەترىتىگە ئەگىشىپ، تاغ ئېتىكىدىكى بەنشىخې ئورمانچىلىق مەيدانىغا كەلدى، بۈگۈن چارلايدىغان مۇساپە 10 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئورمان رايونىدا قار ناھايىتى قېلىن بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى بەلگىچە كېلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، چارلاش ئەترىتىنىڭ 10 ئەزاسى قار پەنجىسى كىيىپ تۈز يەردە كېتىۋاتقاندەك ماڭاتتى.

چاغان مەزگىلىدە، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش دېلوسى كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئادەم ئاياغ باسمايدىغان تاغ ئىچكىرىسىگە كىرىپ قاپقان قۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ. ساقچىلار چارلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنى ئوۋ ئوۋلاشقا ئۈلگۈرەلمەس قىلىۋېتىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا، كۆپچىلىك يېڭى ئاياغ ئىزى بايقىدى، ئاياغ ئىزىدىن قارىغاندا، بۇ ئىز ياۋا توشقان ياكى ئېلىك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ئاياغ ئىزىدەك قىلاتتى.

چارلاش ئەترىتى ئۈچ سائەتكە يېقىن يول يۈرۈپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى قاپقان ۋە قاۋان ئوۋلايدىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلمىنى بايقىدى. چۈش بولغاندا، ئەتراپ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ئورمانلىقنىڭ تېمپېراتۇرىسى سەل ئۆرلىدى، ئەترەت ئەزالىرى يەردە ئولتۇرۇپلا، چۈشلۈك تاماق يېيىشكە باشلىدى. بىر پارچە قوتۇرماچ، بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇ ئۇلارنىڭ بىر ۋاق كاتتا چۈشلۈك تامىقى ئىدى.

چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكىدىكى دۆلەت ئىلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورمانچىلىق رايونى 158 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. چارلاش، مۇداپىئە كۆرۈشتىن جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشكىچە، تاغنى تازىلاشتىن دالىدا قۇتقۇزۇشقىچە كۆپ يىللاردىن بۇيان، قارلىق دالىدا چارلاپ دېلو رازۋېتقا قىلىش چوڭ ئەترىتى چاڭبەيشەن تېغى ئورمان بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ كەلدى. جىلىن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سۇڭجياڭ دەرياسى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى رىخۇڭ مۇنداق دېدى: قارلىق دالىدا چارلاپ دېلو رازۋېتكا قىلىش چوڭ ئەترىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دېلو بېجىرگۈچى تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، ئورمان ۋە ئوۋچىلىققا چېتىلىدىغان تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 550 نى تەكشۈرۈپ چىقىپ، 520 دىن ئارتۇق ئادەمگە زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى، 250 دىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋاننى قۇتقۇزۇپ قويۇپ بەردى، ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، سۇڭجياڭ دەرياسى ئورمان رايونىنىڭ ئېكولوگىيە بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

قۇياش نۇرى ئورمانلىقتىكى دەرەخ يوچۇقلىرىدىن ئۆتۈپ ئاپئاق قارغا چۈشۈپ، مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇراتتى، يەنە چاغان كەلدى، كۆپچىلىك كەلگۈسىگە يېڭى ئۈمىدلەرنى باغلىدى.

خەلق ساقچىسى خۇ ياڭ يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ كۆپ سەپداشلارنىڭ قوشۇنىمىزغا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شۈ چۇڭياڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، جۇڭخۇا تار تۇمشۇق ئۆردىكى شۇنداقلا باشقا قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىدىكى ئورمان قوغدىغۇچىلىرى دېگەن قىسمى

ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىملاردىكى چاڭبەيشەن تېغى قاتتىق سوغۇق ئىدى. مۇخبىر قارلىق دالىدا چارلاپ دېلو رازۋېدكا قىلىش چوڭ ئەترىتىگە ئەگىشىپ، تاغ ئېتىكىدىكى بەنشىخې ئورمانچىلىق مەيدانىغا كەلدى،