ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۈرەش قىلىش روھى بىلەن يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 15:32

[يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش] كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق.

ياشلار گۈللەنسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر ياشلارغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى، ئۇ ياشلارنى دۆلەتكە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئالغا ئىلگىرىلەش پەزىلىتى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھى ئارقىلىق ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋرگە، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلىگىدەك نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى يېڭى دەۋر ياشلىرىنى دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ياشلىقىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش قايناق ئەمەلىيىتىدە جۇلالاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.

بۇ قىشلىق تەتىلدە جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روھى مەخپى شىفىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» دېگەن تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەتىل ئاخىرلاشقاندا، ئۇلار ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھەمبەھرلىنىدۇ.

ۋەتەن زېمىنىنى قەدىمى بىلەن ئۆلچەش، جۇڭگو روھىنى كۆزى بىلەن بايقاش كېرەك. بۇ دەل 2022-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، ياشلارغا قىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقى. باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەۋقەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قارىتىش كېرەك، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۈرەش نىشانى ۋە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇش.

جۇڭگو خەلق داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ 2022- يىللىق دوكتور ئاسپىرانتى شۆ سىچى مۇنداق دېدى: بىز ھازىرقى زامان ياشلىرى ئوتتەك ياشلىق دەۋرىدە مۇستەھكەم غايە-ئېتىقادقا موھتاج. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، باش شۇجىنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.
مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد ئارقىلىق مەنىۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، دەپ كۆرسىتىلدى. نۇرغۇن ياشلارنىڭ قارىشىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈش ياشلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

سەنشى ئۆلكىسى فېنشى ناھىيەسى دۈەنسۈن كەنتىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جيالى يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بىر قېتىم قېلىن قار يېغىپ سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى، لى جيالى كەنت ئاھالىلىرى باققان ئۇلاغلاردا مەسىلە كۆرۈلۈشىدىن ئەنسىرەپ، كەنت كادىرلىرى بىلەن ئۆيمۇئۆي ئارىلاپ، نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلىدى.

بۇلتۇر چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قار-شىۋىرغانغا قارىماي دۇەنسۈن كەنتىگە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن مۇڭداشتى، ھال-ئەھۋال سورىدى. باش شۇجىنىڭ شۇ چاغدىكى غەمخورلۇقى لى جيالىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە.

لى جيالى مۇنداق دېدى: كەنتىمىز ئەسلىدە لۈلياڭ تاغلىق رايونىدىكى مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونغا تەۋە ئىدى، باش شۇجى خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە «قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش جەڭ خەرىتىسى»گە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئەينى چاغدا بىزنىڭ بۇ خەرىتىمىزدە 12 تۈرلۈك ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش تەدبىرى بار ئىدى، باش شۇجى ھەر بىر تەدبىرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، مېنىڭچە باش شۇجى ھەر ۋاقىت پۇقرالارنى ھەقىقىي كۆڭلىگە پۈكۈپ كېلىۋېتىپتۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دۈەنسۈن كەنتىدە زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۆتكەن بىر يىلدا، لى جيالى كەنتتىكى «يېڭى دېھقان»لار بىلەن بىللە، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، زامانىۋىلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇتاش پارنىك ۋە كۆكتات لاپىسى ياساپ، يېزا ئىگىلىكىنى رەقەملەشتۈردى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، كەنتتىكى يېڭىدىن ياسالغان موگۇ پارنىكىدىكى موگۇلار ئۈنۈپ چىقتى، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. لى جيالى مۇنداق دېدى: مەن ياشلىق باھارىمنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئېتىزىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. يېڭى بىر يىلدا، مەن يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، تىرىشىپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ پىلانىنى بىر-بىرلەپ رېئاللىققا ئايلاندۇرىمەن.

ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلىرى ئېغىر ۋەزىپىنى زېممىسىگە ئالغان. ئۇلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، ئەقىل-پاراسەت توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئىشەنچ ۋە قەيسەرلىك بىلەن جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى؛ ئۇلار قارلىق چېگرادا، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق گۈللەنگەن جۇڭخۇا زېمىنىنى قوغدىدى. يېڭى سەپەرنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى شەرەپ ۋە ئارزۇنى پۈتمەكتە!

جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شېنياڭ ئايروپىلان سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى«لوياڭ ياش زەربىدارلار ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى تيەن فاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىزنى غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلالايدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇشقا تىرىشىڭلار، دېدى. يېڭى بىر يىلدا، مەن ئەترىتىمگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاۋىئاتسىيە پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قودرەت تاپقۇزۇش جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيمەن.

شىزاڭ ھەربىي رايونى «ئېگىزلىكتىكى چېگرانى قوغداش ئۈلگىلىك يىڭى»نىڭ ليەنجاڭى پەن خۇڭشۇەي مۇنداق دېدى: چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5100 مېتىر كېلىدىغان قارلىق ئېگىزلىكتە چېگرانى قوغدىدۇق. يېڭى دەۋردىكى ياش ئوفىتسېر-ئەسكەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، قارلىق ئېگىزلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدە ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۈرەش قىلىش روھى بىلەن يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش

بۇلتۇر چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قار-شىۋىرغانغا قارىماي دۇەنسۈن كەنتىگە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن مۇڭداشتى، ھال-ئەھۋال سورىدى. باش شۇجىنىڭ شۇ چاغدىكى غەمخورلۇقى لى جيالىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە.