ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى ياش ئىختىساسلىقلار تىرىشىپ ئىشلىمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 17:01

ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى. بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ۋە چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش، ئۇچۇشنى كونترول قىلىش، تەھلىل قىلىپ ھېسابلاش، سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇش سۈپىتىدە، ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنى. بۇ يەردە مۇنداق بىر توپ ياشلار بار، يەنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 35 ياشقىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇلار ئۇلۇغۋار ئىرادە ۋە سېكۇنتقىچە ئىنچىكە ئۆلچەشتەك قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدارى بىلەن، ئۇدا 22 قېتىم زور ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، ئالەم ئۇچقۇسىنى باشقۇرۇپ، ئىنسانلار تۇنجى قېتىم ئاينىڭ ئارقا تەرىپىگە سىلىق قونۇش ۋە چارلاپ تەكشۈرۈش، كىچىك پىلانېتالاردا يېقىن ئارىلىقتىن تەسۋىر ھاسىل قىلىش قاتارلىق جۇڭگو مۆجىزىلىرىنى ياراتتى.

جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش، مارسنى تەكشۈرۈش قاتارلىق زور ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىلىرىدە، بېيجىڭدىكى باش ئورۇنلاشتۇرغۇچى بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاپ، بارلىق بۇيرۇقلارنى يەتكۈزۈپ، جاراڭلىق ھەم قەتئىي ئاۋاز ئارقىلىق ئاسمان بىلەن زېمىننى باغلىدى. 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان گاۋ جيەن شېنجۇ 12-نومۇر، شېنجۇ 13-نومۇر ۋە شېنجۇ 14-نومۇر قاتارلىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

2021-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 15 تىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، «شېنجۇ 12-» نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدە ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىنىڭ ئالدىنقى ئېغىزى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى. سائەت 18 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم ئۇچقۇچىسى نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىگە كىردى، بۇ-جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بوشلۇق پونكىتىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. گاۋ جيەن مۇنداق دېدى: ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن يادرولۇق بۆلمىنى تۇتاشتۇرۇش جەريانىدا، ئەڭ جىددىي ۋاقىتتا 200 سېكۇنت ئىچىدە ئىككى ئالەم ئۇچقۇسى، 10 نەچچە تارماق سىستېمىدىكى نەچچە مىڭ يىراقتىن ئۆلچەش پارامېتىرى ھالىتىنىڭ توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. پەقەت زېھنى ئوچۇق، كاللىسى ئۆتكۈر، ئېغىر-بېسىق، روھىي ھالىتى كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن ئاساسلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

بىر ئېكران سانلىق مەلۇمات، بىر مىكروفون، بىر مەشغۇلات سۇپىسى-«بېيجىڭ ئۇقتى»نىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى. چىراغلار يېنىپ تۇرغان، كېچىنى تاڭغا ئۇلايدىغان ئۇچۇشنى كونترول قىلىش بىناسىمۇ «بېيجىڭ ئۇقتى»نىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، چاڭئې 5-نومۇر ئاي شارىغا قونغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بېيجىڭدىكى تۇنجى ئايال باش ئورۇنلاشتۇرغۇچى باۋ شو ھەمراھىنىڭ قولىدىن ئەۋرىشكە ئالىدىغان كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئەمما، ئاي يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش-ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلغان ئەڭ مۇرەككەپ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىدى. باۋ شو پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ھالەت، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش تەرتىپى، كاشىلىنى تەقلىد قىلىشنى ئۆگىنىپ، پارولنى چىڭ تۇتۇپ مەشىق قىلدى. ئاخىرىدا، ئۇ مېخانىك بىلەكنىڭ ھەر بىر ھەرىكەتنى توغرا تاماملىشىغا قوماندانلىق قىلىپ، مىڭدىن ئارتۇق بۇيرۇق بەردى، 10 مىڭ جۈملىگە يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇش دىئالوگىدا بىرمۇ خاتالىق كۆرۈلمىدى.

باۋ شو مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا قالتىس بولىدۇ، ھاياتىي كۈچىمىز ئۇرغۇپ تۇرغان چاغدا، بىزدە تۆھپە قوشالايدىغان بىر كەسىپنىڭ بولۇشى ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش.

«بېيجىڭ ئۇقتى»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە، ياڭ يەنبونى ئائىلىسىنىڭ «چوڭ ئاكىسى» دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېنجۇ 8-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلگەندە تەجرىبىسىز بولغان بولسا، ھازىر پۈتكۈل كوللىكتىپنى يېتەكلىمەكتە، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى.

ياڭ يەنبو مۇنداق دېدى: ئالەم قاتنىشى روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ خىل قاتتىق، ئېھتىياتچان، ئىنچىكە، ئەمەلىي بولۇش، قىلچە بىخەستەلىك قىلماسلىق، قېتىرقىنىپ ئىشلەش روھىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

قەلب چەكسىز ساماغا، نەزەر يىراق سامانيولىغا تۇتاشتى. ھەر بىر «مەن بېيجىڭ» دېگەن ئاۋاز بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ روشەن ياشلىق بەلگىسىگە ئايلاندى، ئۇلار «بېيجىڭ ئۇقتى»نى بىر خىل كۈچ، بىر خىل مەسئۇلىيەت دەپ قاراپ، كۈچ ئۇلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا باستى. گاۋ جيەن مۇنداق دېدى: مېنىڭچە «بېيجىڭ ئۇقتى» بىزگە نىسبەتەن بېسىم ۋە مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، پەقەت ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئۇققانلىق بولىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى ياش ئىختىساسلىقلار تىرىشىپ ئىشلىمەكتە

ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى. بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ۋە چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش، ئۇچۇشنى كونترول قىلىش، تەھلىل قىلىپ ھېسابلاش،