ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېزا-كەنت تېز يەتكۈزۈش خادىمى سۇڭ يەنرۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 17:04

سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرى ياڭچۈ ناھىيەسىنىڭ نىتۈن بازىرىدا بىر مىنىبۇس شۇ جايدىكى 18 كەنتنىڭ تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا دائىم قاتنايدۇ، سۇڭ يەنرۇ بازاردىكى كەنتكە بارىدىغان بىردىنبىر تېز يەتكۈزگۈچى.

سەھەر سائەت ئالتە يېرىمدا، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر تېخى ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغان چاغدا، سۇڭ يەنرۇ بازاردىكى تېز يەتكۈزۈش ئورنىغا يېتىپ بېرىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئۇ ئەتىگەن سائەت توققۇزدا، ماللارنى ئالدىراش رەتلىگەندىن كېيىن، ماشىنا بىلەن تېزلىكتە ناھىيە مەركىزىدىكى تېز يوللانمىلارنى يىغىش-تارقىتىش نۇقتىسىغا بارىدۇ.

ئۇ بىر سائەت ئىچىدە، تېز يوللانمىلارنى مۈرىسى ۋە قولىدا كۆتۈرۈپ، تېز يەتكۈزۈش ماشىنىسىغا لىق باستى. ئۇ دەم ئېلىۋالمايلا ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ، بىرىنچى بېكەت نەنلۇ كەنتىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، نەنلۇ كەنتىدىكى تېز يەتكۈزۈش ئورنىغا تېلېفون قىلىپ، پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىدىغان ئاھالىلەر تېز كەلسۇن، دېدى.

كەنتتىكى ياشانغانلار سۇڭ يەنرۇنى كۆرسە، ئۇنى ئەركىلىتىپ «فاڭ فاڭ» دەپ چاقىرىدۇ. بۇ يەردىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، بۇ يىل چاغاندا ئۇلار تېز يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆپلەپ نەرسە ئەۋەتىپ، ئائىلىسىگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. ياشانغانلارنىڭ نەزىرىدە سۇڭ يەنرۇنىڭ كېلىشى يىراقتىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. كەنت ئاھالىسى لى سۇجېن: بۇ تېز يەتكۈزگۈچىلەر كەنتىمىزگە كېلىپ ناھايىتى ياخشى بولدى، پەرزەنتلىرىمىز سىرىتتىن سېتىۋالغان نەرسىلەرنى ئۇلار كەلسىلا ئالالايمىز.

تېرىق شۇ جايدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى، تېرىقنى سىرتقا چىقىرىش يۇرتداشلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىش ئىدى، سۇڭ يەنرۇ ۋە ئۇنىڭ تېز يەتكۈزۈش ماشىنىسى كەنتكە كېلىشى بىلەن بۇ ئەھۋال زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. كەنت ئاھالىسى ۋاڭ خەنخوڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى تۆت، بەش يۈەنلىك تېرىقنى ھازىر توردا يەتتە، سەككىز يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتكە پوچتىدىن ئەۋەتكىلى بولىدۇ، دېدى.

كەچ سائەت 9 دىن ئاشقاندا، سۇڭ يەنرۇ فەنشەن تاشيولىنى بويلاپ ئاخىرقى بىر كەنتكە بېرىپ بولۇپ ئۆيىگە قايتتى، بۇ چاغدا بازار جىمجىتلىققا چۆمگەن بولۇپ، قىزىل پانۇسلار چاقنىغان ئىدى. سۇڭ يەنرۇ بۇ يىل چاغاننى ئالدىراش ئۆتكۈزدى. ئۇ يېڭى يىلدىكى ئارزۇسى ئۈستىدە توختالغاندا يەنىلا تېز يەتكۈزۈش كەسپى ھەققىدە ئىشتىياق بىلەن سۆزلىدى. ئۇ يېڭى بىر يىلدا مال يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى بولۇشىنى، كەسپىمنىڭ بارغانسېرى ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېزا-كەنت تېز يەتكۈزۈش خادىمى سۇڭ يەنرۇ

سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرى ياڭچۈ ناھىيەسىنىڭ نىتۈن بازىرىدا بىر مىنىبۇس شۇ جايدىكى 18 كەنتنىڭ تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا دائىم قاتنايدۇ، سۇڭ يەنرۇ بازاردىكى كەنتكە بارىدىغان بىردىنبىر تېز يەتكۈزگۈچى.